ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانىدا تەربىيەلەشىنىڭ 20 كىلاسسىك تەكلىپى

كارخانىدا تەربىيەلەشىنىڭ 20 كىلاسسىك تەكلىپى

ۋاقتى: 2016-07-06 ئاۋاتلىقى: 488 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. تەربىيەلىگۈچى چوقۇم TTT (تەربىيەچىنى تەربىيەلەش) سۆزلىمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن TTT سۆزلەشنى چوقۇم بىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ دەرسلىكىنى تەھلىل قىلىشتىن سىرت يەنە دەرسلىكنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.
2. پۈتۈن دەرسلىكنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئاساسىي لىنىيە، يوشۇرۇن لىنىيە ۋە قوشۇمچە لىنىيە دەپ بۆلگىلى بولىدۇ. ئاساسىي لىنىيە دەرسلىك تېمىسىنىڭ لوگىكىسى بولىدۇ، يوشۇرۇن لىنىيە ئاساسىي لىنىيەنى تولۇقلاپ، مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ، يوشۇرۇن لىنىيە يەنە تەربىيەلەنگۈچى ئوبيېكتقا قاراپ تەڭشىلىدۇ، قوشۇمچە لىنىيەنىڭ لوگېكىلىق قۇرۇلمىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىننەتلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭلاشقا قوشۇمچە لىنىيەنىڭ ئاساسلىق رولى مەزمۇنى قىزىقارلىق قىلىشتۇر.
3. ئاساسلىق لىنىيەنىڭ لوگېكىلىق قۇرۇلمىسى ئامال بار What، Why ۋە How قاتارلىق ئۈچ مەزمۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى دەرسلىكتىكى ئۈچ نۇقتىنىڭ نىسبىتى:
What:Why:How=10:0:0
ئۇتۇق قازىنىش ئىلمىنىڭ نىسبىتى:
 What:Why:How=0:10:0
بۇ نىسبەتنىڭ تەقسىملىنىشىنىڭ دەرسلىك ئاساسىدا تەڭشىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنىڭ ئورتاق ئۆلچىمى بولمايدۇ. What توغرا بىلىم، Why مۇۋاپىق مەقسەت، How مۇۋاپىق ئۇسۇلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
What تەپەككۇردىكى ئۆزگىرىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرى ئۇنۋان، يۇقىرى بىلىملىك خىزمەتچىلەرگە دەرسلىك سۆزلىگەندە What نى جىقراق سۆزلەيمىز، ئەگەر سېتىش يېتەكچىلىك خىزمىتى بولسا Why نى جىقراق سۆزلەيمىز، ئەگەر مەشغۇلات تىپىدىكى خىزمەتچى بولسا مەسىلەن ئىشلەپچىقىرىش سېخى دېگەندەك، How نى جىقراق سۆزلەيمىز. مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغان مۇۋاپىق نىسبىتىم What:Why:How=3:1:6.
4. ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئوخشىمىغان ئارتۇقچىلىقى ۋە تالانتى بار، باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىنى دورىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى يارىتىش ئەڭ توغرا. كەمچىللىكنىڭ ھەممىسى ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۇزارتىلمىسى، ئارتۇقچىلىق پەقەت كەمچىللىكنىڭ توغرا ئورۇنغا قويۇلغانلىقى خالاس.
5. قانداق دېيىش نېمە دېيىشتىن مۇھىم. مۇزىكا شۇنچە يىل تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى، مەزمۇنى ئوخشاش بېتخوۋىن قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكىسى، لېكىن ئورۇنلاش شەكلى ئوخشىمايدۇ، سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى تېما مۇھەببەت، دىن، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەخلاق قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. لېكىن شەكلىدە بۇ نەچچە يىل ئىچىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. شۇڭلاشقا تەربىيەلەشتە سۆزلىدىغىنى ئوخشاشلا ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەش، كونترول قىلىش، پىلانلاش، ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار. لېكىن قانداق سۆزلەش بۇ تەربىيەچىلەر ئويلىنىدىغان مەسىلە، بۇ بىرقانچە يىل قىززىق نۇقتا بولغان تەربىيەلەشلەر پەقەت ياخشى شەكىلنى تېپىۋالدى خالاس.
6. شىركەتنىڭ مەلۇم تېمىغا بولغان تەربىيەلەشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى داۋاملاشتۇرماسلىق قانداق سۆزلەش نۇقتىسىدىن تامامەن بولىدۇ. مۇئەللىم ئالماشتۇرۇش، شەكىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق داۋاملىق كۈچەيتكىلى بولىدۇ، ئەگەر داۋاملىق يېڭى نەرسە ئاڭلىسا، بىر يىلنىڭ ئىچىدە بارلىق باشقۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلاپ بولغىلى بولىدۇ.
7. تەربىيەلەشنىڭ تۆت خىل شەكلى، Teacher، Trainer، Coach ۋە Mentor.
Teacher يېڭى خىزمەتكە كىرگەن كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ، ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، كۆپىنچە تاق يۆنىلىشلىك بولىدۇ؛
Trainer قوش يۆنىلىشلىك ئالاقە، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى سۆزلەپ يەتكۈزگىلى بولىدىغان ئۇچۇرغا ئايلاندۇرىدۇ، تەربىيەلەنگۈچى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بىلىمىگە ئايلاندۇرىدۇ؛
Coach شەخسىي تېرىنىر ۋە كارخانا تېرىنىرى دەپ ئايرىلىدۇ. تېرىنىرنىڭ تېخنىكىسى ئىناۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، تەنتەربىيە تېرىنىرىنىڭ ئىدىيەسى، ئۇسۇلى، تېخنىكىسىنى كارخانا باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلايدىغان يېڭى بولغان كارخانا باشقۇرۇش نەزەرىيەسى، ئۇسۇلى، تېخنىكىسى ۋە مەسلىھەت بېرىش ئېقىمىدۇر؛
Mentor كۆپىنچە كەسپىي نۇقتىدىن يېتەكلەش ئېلىپ بېرىپ، كارخانىدا ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش شەكلىدە چىقىدۇ.
8. يۈ دەن قاتارلىقلار نېمىشقا تونۇلۇپ كېتىدۇ؟ نۇرغۇن ئىلىم پەندە كۆپچىلىك بۇ خىل چەككە يېتەلمەيدۇ، سەۋەبى كۆپچىلىكتە سەنئەتنى يەتكۈزۈش كەمچىل، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۈنۈملىك تارقىتالمايدۇ، بىرىنچىسى ئۇسۇل خاتا، ئىككىنچىسى مەزمۇن خاتا، ئەمەلىي قوللىنىشنى ئايرىۋەتكەن.
9. ئويغىنىش دېگەن نېمە؟ بۇ ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى بايقاش دېگەنلىكتۇر. شۇڭلاشقا ئەگەر ئۆگەنگۈچىدە ئويلىنىش بولمىسا تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ، سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ ئېلانى «سىز تۈپەيلى ئۆزگىرىدۇ!»غا ئوخشاش. تەربىيەلەشتە سىزنىڭ قانچىلىك سۆزلىگىنىڭىزگە ئەمەس، تەربىيەلەنگۈچىنىڭ قانچىلىك ئاڭلىغىنىغا قارايمىز، تەربىيەلەنگۈچىنىڭ قانچىلىك ئاڭلىغىنىغىمۇ ئەمەس ئۇنىڭ قانچىلىك ئىشلەتكىنىگە قارايمىز.
10. تەربىيەلەشتە نېمىنى سۆزلىسە بولمايدۇ؟ سىياسەتنى سۆزلىسە بولىدۇ، لېكىن چېكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، رەھبەرلەرگە ھۇجۇم قىلماسلىقنى ئاساس قىلىش كېرەك، مەن تېخى سىياسەت سۆزلىمىگەن ئادەمنى كۆرمىدىم، چۈنكى جۇڭگودا سىياسەت ئىقتىسادنى بەلگىلەيدۇ. دىننى سۆزلىسە بولىدۇ، نۇرغۇن مۇئەللىملەرنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىدا بۇددا دىنىنىڭ مەزمۇنى بار، لېكىن دىنغا ھۇجۇم قىلسا بولمايدۇ. ئۈچ قىلماسلىق پىرىنسىپى: شىركەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىغا چېتىلماسلىق، ھۇجۇم قىلماسلىق، شەھۋىي مەزمۇنغا چېتىلماسلىق.
11. چەكنىڭ مەنىسى مۇشۇ دەرىجىگىچە بولسۇن دېگەنلىك بولۇپ، ھەممە گەپنى ئېچىپ دەۋەتسە مەززىسى بولماي قالىدۇ. يۇمۇرمۇ مۇشۇنداق پەيدا بولغان.
12. خېرابىن قانۇنىيىتى: سۆز، ئاھاڭ، ھەرىكەت. نىسبىتى %7، %38 ۋە %55. پىكىر ئالماشتۇرۇشتا بۇ يەنە دولقۇن ئۇزۇنلىقى تېخنىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە تەسىر قىلىشتىكى ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. تىل جەھەتتىكى گىرامماتىكا، ئاھاڭ جەھەتتىكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى، ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى كۆز ئىشارىتى، قول ئىشارىتى، تۇرۇش شەكلى، مېڭىش شەكلى ۋە كىيىنىش ھالىتى، يەتتە خىل ئۇسۇللار توپلىمى دەپ ئاتىلىدۇ.
13. بىلىم نۇقتىسىنى ھەر كۈنلىكى 3-5 كىچە كونترول قىلسا ياخشى، يەككە بىلىم نۇقتىسىنىڭ مەزمۇنى ئەگەر بەشتىن تۆۋەن بولسا، بىۋاسىتە دېسە بولىدۇ. ئەگەر بەشتىن يۇقىرى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئادەتتىكىدەك، يېقىملىق بولغان ئىسىمنى قويۇش كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ ئەستە تۇتۇشىمۇ ئوڭاي بولىدۇ، ئەگەر كەلگۈسىدە ئۆگەنگۈچىلەر كونكېرتنى ئىسىمنى ئۇنتۇپ قالغان تەقتىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىسىمدىن ئەسلىيەلەيدۇ ۋە خۇلاسە قىلالايدۇ، مەسىلەن «ئالاقە قىلىشنىڭ ئالتە ئەڭگۈشتىرى»، «تۈر پىلانىنىڭ توققۇز خىل دەستۇرى» قاتارلىقلار.
14. سۆزلەش جەھەتتە، كۆپچىلىك يۈ دەننىڭ «لۇيۈدا ئۇچرىشىش»دىكى تىل ماھارىتىنى كۆرسە بولىدۇ. ئاساسىي جەھەتتىن تۆۋەندىكىلەرگە خۇلاسىلەشكە بولىدۇ: ئاساسىي تېمىنى چىڭ تۇتۇش، ھېسسىياتقا باي بولۇش، ئۈزۈلۈپ قالسىمۇ قالايمىقان بولماسلىق، تىل سېزىمىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىتتىك-ئاستىلىقىنى تەڭشەپ تىنىپ سۆزلەش قاتارلىق بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىتتىك- ئاستىلىقىنى تىنىپ سۆزلەش ئېپىزوتتىكى ئۇسۇل بولۇپ، مەنىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىدەك: 
«كېيىن»: بولسا مەزمۇن ۋە ئۇسۇلغا ئاساسەن، ئاستا بولۇشقا تېگىشلىك ۋاقىتتا چوقۇم ئاستا بولۇش كېرەك دېگەنلىكتۇر. بۇنداق بولغاندا ئالغۇچىلارنىڭ تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەزمۇننى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. 
«ئىتتىك»: ئىتتىك بولۇشقا تېگىشلىك ۋاقىتتا ئىتتىك بولۇش، ھەرگىزمۇ سۆرەلمىلىك قىلماسلىق. بۇ خىل ئىتتىكلىك ھەرگىزمۇ خالىغانچە قالايمىقان بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مەزمۇن ئىتتىك بولۇشقا تېگىشلىك بولغاندا ئىتتىك بولۇش، ئۇسۇلدا ئىتتىك بولۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا ئىتتىك بولۇش دېگەنلىكتۇر. ھېسسىياتنىڭ راۋانلىقى تېز بولۇشقا تېگىشلىك ۋاقىتتا تېز بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. 
«تىنىۋېلىش»: بىر جۈملە سۆز ياكى بىرەر ئىشنى تەكىتلەش ئۈچۈن، ئېھتىياجغا ئاساسەن توختاشقا تېگىشلىك جايدا توختاشنى كۆرسىتىدۇ. 
«دەل»: سۆز رېتىمىنىڭ دەل جايىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سۆزنىڭ ئېيتىلىشى كىيىنمۇ ئەمەس، بۇرۇنمۇ ئەمەس، دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق بولىدۇ.
15. سۆزلەش ئۇسۇلى يەنە چۈشەندۈرگەندە ئاۋازنى دوراشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەلۇم سۆزنى سوزۇپ ئېيتىپ يەنە قول بىلەن ئىشارە قىلىپ چۈشەندۈرگەندە، ئاۋاز ۋە ھېسسىيات ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
تاۋۇش جەھەتتە، رىتىمغا باي، تەلەپپۇز ئېنىق بولۇش كېرەك. تاۋۇش جەھەتتە يەنە قورال بار: جىم تۇرىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئاۋاز دەرىجىسى دولقۇنسىمان ئۆزگۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك، تېزراق گەپ قىلسا ھېچنىمە بولمايدۇ، بىراق ھالقىلىق جاينى ئېغىر ئاھاڭدا ئاستا دېيىش كېرەك. سۈرئەت سەل تېز بولسا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ، بىراق ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ رېتىمغا يېتىشەلىگەن-يېتىشەلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش لازىم. تاۋۇش مەشىقىگە قارىتا كۆپچىلىك جىڭجۈ تىياتىرىنى مەشىق قىلسا، قەدىمىي شىئېرلارنى يادلاپ بەرسە ۋە سۆز ئويۇنىنى مەشىق قىلىپ بەرسە بولىدۇ. 
16. كۆز ئىشارىتى، كۆزگە قاراش چىراينى ئوراش، پۈتۈن بەدەنگە يېقىنلىشىش، بۇ مەلۇم ئۆگەنگۈچىگە يۈزلەنگەندىكى ھالەتنى كۆرسىتىدۇ، پۈتۈن گۇرۇپپىغا يۈزلەنگەندە ئادەمگە قاراش، بىر پارچە بوشلۇقنى ئىگەللەش، پۈتۈن مەيدانغا يېقىنلىشىش كېرەك. ئالدىغا مېڭىشنىڭ ئۆزى ئۇچرىشىش، كەينىگە چېكىنىشنىڭ ئۆزى ئوراش، ئەتراپقا نەزەر سېلىشنىڭ ئۆزى يېقىنلىشىش.
17. قول ئىشارىتى جەھەتتە، چوڭ جەھەتتىن بۆنىلىشى تۆت خىل بولىدۇ: ھېسسىيات مەنىسىدىكى قول ئىشارىتى، سۆزلىگۈچىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، كۆرسىتىش شەكلىدىكى قول ئىشارىتى، دېمەكچى بولغان ئادەم، ئىش ۋە يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئوبراز خاراكتېرىدىكى قول ئىشارىسى شەكىلنى دوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، سىمۋول خاراكتېرىدىكى قول ئىشارىسى ئابىستىراكىت ئۇقۇمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن قولنى كۆكرەككە قويۇپ ۋەتەننى سۆيۈدىغانلىقىنى ئىپادىلەش. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن ئاساستا تۆت تۈرنى يەتتە خىل ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قول ئىشارىتىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
18. بارماق بىلەن ئۆگەنگۈچىلەرنى كۆرسەتسە بولامدۇ؟ بولىدۇ، مەسىلەن سىز ئادەم كۆپ بولۇپ بىر ئوقۇغۇچىغا جاۋاب بەرگۈزمەكچى بولسىڭىز كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن سىىپايە بولۇشىڭىز كېرەك. قولنىڭ ئالقىنى ئۈستىگە قارىسا ھۆرمەت ۋە تەكلىپنى بىلدۈرىدۇ، پەسكە قارىسا ھوقۇق ۋە بېسىمنى بىلدۈرىدۇ.
19. بەدەن ئىشارىتى جەھەتتە ئۈستىنى كۆتۈرۈپ ئاستىنى باسىمىز، بەلگە كۈچەپ، ئوڭ سولنى قىسىمىز، ئادەمگە يۈزلىنىپ، مۈرىنى تەكشى قىلىمىز. مەيلى مېڭىپ سۆزلەيلى ياكى توختايلى چوقۇم يۈزنى ئادەمگە قارىتىمىز، فېڭ گۇڭنىڭ « يۇرتداشلار، سىلەرنى سېغىندىم»غا ئوخشاش مېڭىپ دېگەندىمۇ، چوقۇم يۈز ئادەم تەرەپكە قارىشى كېرەك.
20. كېيىنىش جەھەتتە، تۆت بىردەكلىك بولۇشى كېرەك: مۇھىت بىلەن بىردەك بولۇش؛ ئوقۇغۇچى بىلەن بىردەك بولۇش؛ دەرسلىك بىلەن بىردەك بولۇش ۋە خاسلىق بىلەن بىردەك بولۇش. مەسىلەن گۇمانىتار پەنلەرنى سۆزلىگەندە جۇڭسەنچە ياكى جۇڭخۇا تىك ياقىلىق كىيىملەرنى كېيىش ياخشى، يەنە شىركەتنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىگە، ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىگە ماسلىشىشى كېرەك. بولمىسا دورامچىلىق قىلىمەن دەپ كۈلكىگە قالىدىغان ئىش بولىدۇ. ئەگەر ئېنتىرنېت تورى شىركەتلىرىگە دەرس ئۆتكەندە پادىچىلار ئىشتىنى كەيسە بولىدۇ، لېكىن قېنىقراق بولسا ياخشى، كۆينەك ئۇزۇن يەڭ بولغىنى ياخشى. 
قەدەم باسقۇچ جەھەتتە: ئۈچ قىلماسلىق پىرىنسىپى: تېز ئەمەس، تۇيۇقسىز ئەمەس، تەكرار ئەمەس. ئوقۇغۇچىغا بەك يېقىن تۇرۋالماسلىقى كېرەك، يېرىم مېتىر سىرتىدا تۇرسا بولىدۇ، يەنە ئەمۋاينىڭ ئېغىز خۇشپۇراق قىلىدىغان پۈركۈگۈچنى تەييار قىلىۋېلىشى كېرەك، چۈنكى بەك جىق سۆزلىسە ئاسان ئېغىز پۇرايدىغان بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى