ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئورگان تاماق ياردەم پۇلىنىڭ باج ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

ئورگان تاماق ياردەم پۇلىنىڭ باج ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-30 ئاۋاتلىقى: 401 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تارقىتىلغان ئىقتىسادىي ياردەم، قوشۇمچە ھەقتىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ دۆلەت كېڭىشىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تارقىتىلغان ھۆكۈمەت ئالاھىدە قوشۇمچە ھەققى، ئاكادېمىكلار قوشۇمچە ھەققى، نوپۇزلۇق ئاكادېمىكلار قوشۇمچە ھەققى ۋە دۆلەت كېڭىشى شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا ئىقتىسادىي ياردەم ۋە قوشۇمچە ھەقلەرنى كۆرسىتىدۇ.

پاراۋانلىق خىراجىتى، نەپىقە، قۇتقۇزۇش پۇلىدىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن پىرسەنت قالدۇرغان پاراۋانلىق خىراجىتى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىدىن شەخسكە بېرىلگەن تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلىنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ يەردە ئېيتىلغان قۇتقۇزۇش پۇلى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى شەخسكە بەرگەن تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردەم پۇلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى، مۇئەييەن ئىشلار ياكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئۆزىگە ياكى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە مۇئەييەن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن، ئۇ خىزمەت قىلغان ئورگان دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن پىرسەنت قالدۇرغان پاراۋانلىق خىراجىتى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىدىن ئۇنىڭغا بەرگەن ۋاقىتلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردەم پۇلى.

(دۆلەت بېجى ئىدارىسى تارقاتقان155[1998]-نومۇرلۇق) تۆۋەندىكى كىرىملەر باج كەچۈرۈم قىلىنغان پاراۋانلىق خىراجىتىگە كىرمەيدۇ، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئىش ھەققىگە، مائاش كىرىمىگە قوشۇۋېتىلىپ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنىشى كېرەك:
بىرىنچى: دۆلەت بەلگىلىگەن نىسبەت ياكى ئاساس ساندىن ئېشىپ كېتىپ ھېسابلاپ ئېلىنغان پاراۋانلىق خىراجىتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىدىن شەخسكە بېرىلگەن ھەر خىل ئىقتىسادىي ياردەم، ياردەم پۇللىرى؛
ئىككىنچى: پاراۋانلىق خىراجىتى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىدىن شۇ ئورگاننىڭ خىزمەتچىلىرىگە بېرىلگەن ھەممە ئادەمنىڭ ئۈلۈشى بار بولغان ئىقتىسادىي ياردەم، ياردەم پۇللىرى؛
ئۈچىنچى: ئورگان شەخسكە ماشىنا، ئۆي، كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ۋاقىتلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردىمى خاراكتېرىگە تەۋە بولمىغان چىقىملار.

(مالىيە باج ھۆججىتى 82(1995) نومۇر) دا شەخس خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەر رايونىدا، شەھەر چېتىدە خىزمەت قىلىپ، خىزمەت ئورنىدا ياكى قايتىپ كېلىپ تاماق يېيەلمەي، ھەقىقەتەن سىرتتا تاماق يېيىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، ئەمەلىي تاماق يېيەلمىگەن قېتىم سانىغا ئاساسەن، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە تاماق پۇلى ئالسا، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى