ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يانفون بانكىسى دېگەن نېمە؟ «يېڭىچە بانكا ئالىيلىرى»نىڭ سىرى

يانفون بانكىسى دېگەن نېمە؟ «يېڭىچە بانكا ئالىيلىرى»نىڭ سىرى

ۋاقتى: 2016-07-21 ئاۋاتلىقى: 912 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قەدىمى يەتمىگەن يەر قالمىدى. كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى ۋە ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تاللا تېرمىنال، تور بانكىسى، يانفون بانكىسى، تېلېفون بانكىسى دېگەندەك ئېلېكتىرونلۇق بانكىلار ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈپ، ئۇچقۇندىن يانغىنغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە تور بانكىسى ۋە يانفون بانكىسىنىڭ ھازىرقى زاماننىڭ تېز تۇرمۇش رېتىمىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان، ھەم يېڭىدىن پەيدا بولغان ئېقىم بولغاچقا، ياشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، يېڭىچە بىر «يېڭىچە بانكا ئالىيلىرى» پەيدا بولدى.
تور بانكىسى، يانفون بانكىسى دېگەن نېمە؟
تور بانكىسى يەنە تور ئۈستىدىكى بانكىمۇ دېيىلىدۇ، ئۇنى ئالاقە تورىدىكى مەۋھۇم بانكا پۇكىيى دېسەك بولىدۇ. ئۇ ئالاقە تورى ئارقىلىق خېرىدارلارنى سۈرۈشتۈرۈش، ھېساب ئاغدۇرۇش، چىقىم قىلىش، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. يانفون بانكىسى يەنە «كۆچمە بانكا»، «ئالىقان بانكا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئالاقىدار مۇلازىمەتلىرىنى كۆچمە ئالاقە تورى ۋە تېرمىنالغا تايىنىپ بېجىرىدۇ.
#p#
تور بانكىسى بىلەن يانفون بانكىسىنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، بىر تەرەپتىن ئۇلار بانكىنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۇزارتتى، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن بانكىنىڭ كەسىپ باشقۇرۇش تورىدىكى نۇقتىلارنى ھېسابسىز كۆپەيتىپ، 24 سائەتلىك مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بانكىنىڭ ۋاسىتىچىلىك كەسپىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى.
 
بۇنداق قولايلىق ھەم پايدىلىق ئېلېكتىرونلۇق بانكىنى قانداق ئېچىش كېرەك؟ بۇ بەك ئاسان!
 
ئەگەر تور بانكىسى ئاچماقچى بولسىڭىز، ئىناۋەتلىك كىملىكىڭىزنى ئېلىپ بانكىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر بانكا كارتىڭىز ياكى ئامانەت كىنىشكىڭىز بولسا شۇ كارتا ياكى كىنىشكىڭىزنىڭ تور بانكىسى مۇلازىمىتىنى ئاچتۇرسىڭىز بولىدۇ، يېڭىدىن ھېساب نومۇرى بېجىرىش ھاجەتسىز.  
يانفون بانكىسى مۇلازىمىتىنى ئېچىش ئۇسۇلى ئىككى خىل: بىرى، بانكىنىڭ تور بانكىسى ئارقىلىق ئاچتۇرۇش، يەنە بىر خىلى بانكا كارتىسى ۋە كىملىكنى ئېلىپ بانكىغا كېلىپ ئاچتۇرۇش. سىز يانفون نومۇرىڭىز بىلەن بانكا ھېساب نومۇرىڭىزنى باغلاشتۇرسىڭىزلا ئالىقان بانكىسىنىڭ لەززىتىدىن ھۇزۇر ئالالايسىز. ئەمما يانفون بانكىسى مۇلازىمىتىنى ئاچتۇرۇشتا يانفونغىمۇ تەلەپ قويۇلغان بولۇپ، ھېچبولمىغاندا 2G لىق ياكى 3G لىق يانفون بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدا نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟
 
1. توردا مال سېتىۋېلىش. سىز تور بانكىسى ۋە يانفون بانكىسى ئارقىلىق بانكا ھېسابات نومۇرىڭىزدىكى قالدۇق پۇلنى سۈرۈشتۈرگەندىن باشقا يەنە توردىن مال سېتىۋالالايسىز. 2012-يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاڭ شياۋبىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرگىنىگە ئەمدىلا بىر يىل بوپتۇ، ئەمما ئۇ توردا مال سېتىۋالىدىغان كونا خېرىدار ئىكەن. «كىتاب، كىيىم، پىلاستىنكا، تىرە ئاسراش بۇيۇملىرى، ئۇششاق-چۈششەك نەرسلەر، ئىشقىلىپ تۇرمۇشتا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى توردىن سېتىۋالىمەن. بۇنىڭدا پۇل ۋە كۈچ تېجىگىلى بولىدۇ.» ئەلۋەتتە، سىز ئۇ ئارقىلىق يەنە تېلېفون پۇلى تاپشۇرالايسىز، QQ نومۇرىڭىزغا پۇل تولۇقلىيالايسىز، تور ئويۇنى كارتىسى سېتىۋالالايسىز.
 
قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ يانفون بانكىسىنى مېسالغا ئالايلى، يانفون ئارقىلىق يانفون بانكىسى كىرگەندىن كېيىن، QQ نى پۇللاش مۇلازىمىتىگە كىرىپ، ھېساب نومۇرىڭىزنى تاللىغاندىن كېين QQ نومۇرىڭىز ۋە پۇللاش سوممىسىنى كىرگۈزسىڭىز ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ QQ نومۇرىنى پۇللىتالايسىز.
#p#
2. تەپسىلىي ھېساب سۈرۈشتۈرۈش. ئەگەر سىز ئادەتتە ئېرىنچەكلىك قىلىپ، ھېساب خاتىرىلەشنى خالىمىسىڭىز، ئاي ئاخىرىغا كەلگەندە ھېساب نومۇرىڭىزدىكى پۇل قۇرۇقدالغان چاغدا، پۇلۇم نەگە كەتكەندۇ دەپ ئىچىڭىز پۇشۇپ قالىدۇ. ھېچقىسى يوق، سىز تور بانكىسى ئارقىلىق يېقىنقى بىر يىل ئىچىدىكى ئىستېمالىڭىزنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ. ھېساۋات تەپسىلاتىنى كۆرگەندىن كېيىن قايسى پۇلنى چۇقۇم خەجلەش كېرەكلىكىنى، قايسى پۇلنى ئىسراپ قىلغانلىقىڭىزنى بىلىۋالالايسىز.  
 
3. مەبلەغ سېلىپ باشقۇرۇش. يانفون بانكىسى تور بانكىسىغا ئوخشاشلا ئومۇميۈزلۈك ھەم ئەتراپلىق فوندقا مەبلەغ سېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا تۈرلۈك فوندلارنىڭ نەق بازار ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىللە يەنە سودا جەريانى، قالدۇق سومما، ھاۋالە، پىشقان سودا، ھېساب ئۇدۇللاش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ ھەمدە فوند سېتىۋېلىش، سېتىش-سېتىۋېلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قايتۇرۇش، مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش، ئالماشتۇرۇش، چېكىندۈرۈش، پايدىنى ئۆلۈشۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى قولايلىق ھەم تېز سۈرئەتتە بېجىرەلەيسىز.
 
4. ھېساب كۆچۈرۈش، پۇل ئەۋەتىش. بۇ جەھەتتە ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ تور بانكىسى ۋە يانفون بانكىسى 24 سائەتلىك قولاي، چاققان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا يەنە رەسمىيەت ھەققىمۇ پۇكەيدە بېجىرگەنگە قارىغاندا ئەرزان بولىدۇ.
 
مەسىلەن، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ تور بانكىسىدا ھېساب كۆچۈرۈش ھەققى پۇكەيدە بېجىرىش ھەققىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدۇ، مەسىلەن، سىز قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ پۇكىيىدە تۇرۇپ 10 مىڭ يۈەننى شۇ بانكا سېستېمىسى ئىچىدە باشقا جايدىكى ھېساب نومۇرىغا كۆچۈرسىڭىز، رەسمىيەت ھەققى كۆچۈرۈلگەن پۇل سوممىسىنىڭ %0.5تىلىك نىسبەت بويىچە، يەنى 50 يۈەن بولىدۇ. ئۇخشاش ئەھۋالدا، سىز تور بانكىسى ئارقىلىق ھېساب كۆچۈرسىڭىز، رەسمىيەت ھەققى 25 يۈەن بولىدۇ، يېرىم پۇل تېجەلدى دېگەن گەپ. ئەگەر يانفون بانكىسىدا كۆچۈرسىڭىز %0.15 لىك ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىسىز، شۇ بانكا سىستېمىسى ئىچىدە باشقا جايدىكى بانكا ھېساب نومۇرىغا 10 مىڭ يۈەن كۆچۈرسىڭىز رەسمىيەت ھەققى 15 يۈەن بولىدۇ، خېلى كۆپ پۇل تېجىلىدۇ.  
#p#
5. پۇل كارتىسى ئالمايمۇ نەقپۇل ئالغىلى بولىدۇ. پۇل كارتىسىنى ئۇنتۇپ قېلىپ سىرتقا چىققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ ھېچقىسى يوق، كارتا بولمىسىمۇ نەق پۇل ئالغىلى بولىدۇ.
قاتناش بانكىسىنىڭ يانفون بانكىسىدىن نەق پۇل ئېلىشنى مىسالغا ئالايلى، يانفون ئارقىلىق قاتناش بانكىسىنىڭ يانفون بانكىسى تورىغا كىرگەندىن كېيىن، «يانفون ئارقىلىق نەقپۇل ئېلىش» تۈرىنى ئېچىپ، «پۇل ئېلىشقا يېزىلىش» تۈرىنى تاللىغاندىن كېيىن، بەتتە بانكا كارتا نومۇرىنى تاللاش ئەسكەرتىشى كۆرۈنىدۇ، ئاندىن كارتا نومۇرىنى تاللىغاندىن كېيىن ئەسكەرتىش بويىچە ئۆزىڭىز ئالدىن بېكىتىۋالغان تۆت خانىلىق «يېزىلىش نومۇرى» ۋە ئالىدىغان پۇل سوممىسىنى كىرگۈزىسىز (100 يۈەنلىك پۈتۈن پۇل بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا شۇ كارتىنىڭ كۈنلۈك پۇل ئېلىش سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك)، ئاندىن «يېزىلىش»نى باسىسىز، بۇ چاغدا يانفون يۈزىدە يېزىلغان كارتا نومۇرى، ۋاقىت، كۈن ۋە پۇل سوممىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. ئاندىن قاتناش بانكىسىنىڭ ھەرقانداق بىر تور نۇقتىسىدىكى پۇل چىقىرىش نۇقتىسىغا كېلىپ، پۇل چىقىرىش ماشىنىسىنىڭ ئىكرانىدىكى ئەسكەرتىش بويىچە يانفون ئارقىلىق پۇل ئېلىش مۇلازىمىتىنى تاللاپ، يانفون نومۇرى ئالدىن بېكىتىۋالغان تۆت خانىلىق يېزىلىش نومۇرىنى كىرگۈزىسىز. ئىكراندا يانفون نومۇرى، ئالدىن يېزىلغان ئالغىلى بولىدىغان پۇل سوممىسى كۆرۈنىدۇ ھەمدە «سودا نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ» دەپ ئەسكەرتىدۇ، سىز كارتىڭىزنىڭ سودا نومۇرىنى ۋە ئالىدىغان پۇل سوممىسىنى كىرگۈزىسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى