تىجارەتچى بىلىشقا تېگىشلىك 11 گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات
ۋاقتى: 2015-08-02
ئاۋاتلىقى: 618 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تىجارەتچى بىلىشكە تېگىشلىك 11 گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات
1. خوجايىننىڭ كىرىمى: %20-%15، %20تىن تۆۋەن بولسا باشقۇرۇشتا مەسىلە بارلىقىنى، باشقىدىن تۈزىتىش كىرگۈزمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. %15تىن تۆۋەن بولسا مەبلەغ سېلىشنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
2. ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائاشى: %22-%17، %22تىن يۇقىرى بولسا خادىم قىسقارتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك، %20تىن يۇقىرى بولسا باشقىدىن تۈزىتىش كىرگۈزمىسە بولمايدۇ.
3. ماتېرىيال تەننەرخى: %25-%20، %25تىن ئېشىپ كەتسە زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. سوۋغات تەننەرخى: %10-%5، كونا خېرىدارلارنىڭ باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشى بىلەن سېتىلغان قىسمى ئۈچۈن ئۇلارغا قايتۇرۇلغان سوممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5. يىللىق نەتىجىسى: مەبلەغ سوممىسىنىڭ %250دىن ئېشىشى كېرەك. يەنى: بىر مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان دۇكاننىڭ يىللىق نەتىجىسى ئەڭ ئاز دېگەندە 2.5 مىليون يۈەن بولۇشى كېرەك، بولمىسا مەبلەغ سېلىشتا مەغلۇب بولغان ھېسابلىنىدۇ.
6. قايتۇرىۋېلىش مۇددىتى: 4-2 يىل. ئىككى يىل ئىچىدە، سېلىنغان مەبلەغنى قايتۇرۇۋالسا تىجارەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، 4-2 يىل ئىچىدە قايتۇرۇۋالسا تىجارىتى ئادەتتىكىچە، تۆت يىل ئىچىدىمۇ قايتۇرىۋالالمىسا تىجارەتتە مەغلۇب بولغان بولىدۇ.
7. كۈندىلىك قايتا سېلىنما نىسبىتى: %10، يېڭىلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
8. دۇكاننى كېڭەيتىش ياكى قايتا بېزەش ئارىلىقى: ئىككى يىلدىن ئارتۇق، ئىككى يىلغا يەتمىگەن. دۇكاننى كېڭەيتىش ياكى قايتا بېزەشنىڭ ئاقىۋىتى، دۇكان چوڭايغانسېرى، قەرزمۇ كۆپىيىپ ماڭىدۇ.
9. سېتىشنى تېزلىتىش قېتىم سانى: يىلدا 3-2 قېتىم، ئىككى قېتىمدىن ئاز بولسا بازاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بولسا تىجارەت قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ.
10. بىر قېتىمدا مال زاكاس قىلىش نىسبىتى: %80-%60، %60 كە يەتمىسە، تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. %80 تىن ئېشىپ كېتىش تېخى كۆرۈلۈپ باقمىدى.
11. پىشىپ يېتىلگەن دۇكاننى تونۇشتۇرۇش نىسبىتى: %80، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە كېڭەيتىش يېتەرلىك بولمىغاننى، بۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا مەھسۇلات مۇلازىمىتىدە يېتەرسىزلىك بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.