ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بازار ئېچىشتا يوشۇرۇن مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئېھتىياج

بازار ئېچىشتا يوشۇرۇن مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئېھتىياج

ۋاقتى: 2015-04-21 ئاۋاتلىقى: 755 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەھسۇلات ئېچىشتىكى ئۆزگىچىلىك بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش» بۇ يەردە!

 

 بازار ئېچىشتا يوشۇرۇن مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئېھتىياج


يېرىم ئەسىردىن بېرى، ئامېرىكا كارخانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ شەخسى ئىجادى تەپەككۇر قىلىشىغا بولغان ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن دۇنياغا داڭق چىقىرىپ كەلدى. بۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلالىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى. مىكروسوفت بۇنىڭ ئەڭ روشەن مسالى. ئامېرىكىدا   TRW ئوخشاش ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا: «بىزنىڭ شىركەت  يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىدۇ، شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز ئاشۇ ئىجادىي تەپەككۇرگە ئىگە ھەم ئىجادىي تەپەككۇرىنى يوقاتمايدىغان كىشىلەر!» دەپ جاكارلىيالايدىغان شىركەتلەر ساناپ تۈگەتكۈسىز.


1995-يىلى، مىكروسوفت  ئۇچۇر بايلىقىدىن تەڭ بەھرلىنىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىر خىل زور مىقداردىكى ھۆججەت، ھەرخىل تەتقىقات نەتىجىلىرىنى، بازار تەكشۈرۈش سانلىق مۇلۇماتلىرىنى سىغدۇرالايدىغان ئۇچۇر بايلىق مەركىزىنى قۇرۇپ چىققانىدى. شىركەتنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمىتى كىچىك گۇرۇپپىسى بۇ خىل ئىچكى قىسىم تور تۈرىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، ئۇچۇرغا پۈتۈن شىركەت ئىچكى قىسمىدا قولاي  ئېرىشكىلى بولىدىغان قىلغان.
ئىچكى قىسىم تورى بىر خىل  يېڭى ئۇسۇل بولۇپ، چوقۇم خىزمەتچىلەرنى ئىچكى قىسم تورىنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. مىكروسوفت ئىچكى قىسم تورىدا مەخسۇس «قانداق ئىشلىتىش» رايۇنى تەسىس قىلغاندىن سىرت، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئىچكى قىسم تورىنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرلىنىشتىكى بىر خىل  يېڭى يول بولۇشتەك مۇھىم ئەھىميىتىنى تەكىتلىدى. يەنە تېخى تورغا چىقىپ باقمىغان بۆلۈملەرگە نىسبەتەن تەشۋىقات ئېلىپ باردى، ئىچكى توردا بىر «ئىشلەتكۈچىلەر كىچك گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ چىقىپ تەھرىرلىگۈچى، مەزمۇن بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە تورپونكىتىنى باشقۇرغۇچنى دائىم بىر يەرگە توپلاپ ئورتاق تور بېتىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە ئىچكى قىسم تورىدا ھەمكارلىشىپ ئىشلەش جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى ئىلگىرى سۈردى.


شىركەتكە  مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاساسلىق رىقابەتچى، ھەمكارلاشقۇچى ۋە شىركەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك بولغان شىركەتنىڭ ئۇچۇرلىرى بولسا سېتىش بۆلۈمى، مەھسۇلات دېرىكتورى، پروگرامما باشقۇرغۇچى ھەم مالىيە، مەمۇرىي قاتارلىق بۆلۈملەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق ئۇچۇر بولۇپ، مىكروسوفت ئەڭ ئاخىرىدا بۇ مەسلىنى بىرخىل «ھەرىكەتچان سانلىق مەلۇمات ئەندىزىسى» ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلدى. كونرېت قىلىپ ئېيتقاندا  يېڭى بىر Web تور بېتى تۈزۈپ چىقتى. يېڭى بىر نۇقتا ۋەكىلىك قىلىدىغان تىك كوئوردىنات ئوقى شىركەتنىڭ رىقابەتچىسى بولغان شىركەتكە، توغرا ئوق بۇ شىركەتكە  مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا ۋەكىلىك قىلىدۇ. ئاندىن تۈرلۈك ئۇچۇر بايلىقى تىك ئوق ۋە توغرا ئوقىتىكى ماس بولغان نۇقتىغا ئۇلىندۇ. مىكروسوفت ئاساسلىقى دوۋجونس(Dowjones)نىڭ ھەرىكەتچان ئۇچۇرلىرىنى زاكاس قىلىپ كۆرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رىقابەتچى شىركەتنى بىۋاسىتە ھالدا  مۇناسىۋەتلىك بايلىققا باغلىغىلى بولىدۇ. قول بىلەن  يېڭىلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرۋاقىت  يېڭى ئۇچۇرغا  ئېرىشكىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاكتىپ ئىنكاسلارنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئاددىي بولغان ئىچكى قىسىم تورىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئوڭايلا مەلۇم بىر شىركەتنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل خەۋەر، ماتېرىيالغا ئېرىشەلەيدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچلەر يەنە  مۇناسىۋەتلىك بولغان مالىيە، سېتىش ۋە بازار ئەھۋالىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىدا، تېخىمۇ كۆپ رىقابەت ئۇچۇرلىرنى تەقسىملەپ ئەۋەتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.



ئىچكى قىسم تورىنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسى پۈتكەندىن كېيىن، يەنە ھەرۋاقىت  مۇناسىۋەتلىك رىقابەت ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەشنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. مىكروسوفت ئاشۇ خېرىدارلار بىلەن ياكى ھەمكارلاشقۇچى شىرىكلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار كىشىلەرنى ئاكىتىپلىق بىلەن تورغا  مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھەمدە بىرخىل Web بىلەن ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى بىرىكتۈرۈلگەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاساسلىقى شىركەتنىڭ سېتىش بۆلۈمى ۋە ھەمكارلاشقۇچى شىرىكلىرىدىن رىقابەت ئاخباراتىغا ئىگە بولىدۇ. كىشىلەرنى قىممىتى بار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە رىقابەتلەندۈرۈش ئارقىلىق مىكروسوفت ئىچكى قىسىم تورى بارغانسېرى تېخىمۇ ئۆزىگە خاس تۈسكە ئىگە بولدى. ھەر بىر ئادەم تۇرۇۋاتقان بۆلۈمنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇرغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىچكى قىسىم تورى خېرىدارلىشىش ۋە شەخسلىشىش ئالاھىدىلكىگە ئىگە بولدى.
ئومومى جەھەتتىن قارىغاندا، مىكروسوفت ئىچكى قىسم تورى ئارقىلق بىلىم باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. بۇ خىل ئىچكى قىسىمدىكى  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، خىزمەتچىلەر ناھايىتى قولاي ھالدا بازارنىڭ  يېڭى تەلپىنى چۈشىنەلەيدۇ ھەم دەل ۋاقتىدا ئىچكى قىسىمدا ئالاقە  ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، تىز سۈرئەتتە  مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، بازارغا تاقابىل تۇرالايدۇ.


ئۇزاق مەزگىللىك ئىزدىنىشتىن كېيىن، مىكروسوفت ئۆزىنىڭ  يېڭى نىشانىنى تۇرغۇزدى: كىشىلەرنى ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى قىلماقچى بولغان خىزمەتنى ئورۇندىيالايدىغان قىلىش. بۇ نىشان ئاڭلىماققا ئىنتايىن ئۇلۇغدەك بىلىندۇ. چۈنكى ئۇ بازاردىكى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق ئېھتىياجنى دېگۈدەك قاندۇرىدۇ.


بۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىچىنى پۇشۇرىدىغان نىشان ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا كىشىلەرنىڭ  مۇلاھىزە قىلىشىدىغان قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى. بۇ يىل، يىل بېشىدىلا گايتىس گورۇھ  مۇئاۋىن لېدىرى موللىر بىلەن بىرلىكتە كىشىلەرگە Hailstrom تېخنىكىسنى تونۇشتۇردى. بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ «شەخسلەر تور مۇلازىمىتى»دىكى تۇنجى تۈر، ئۇ يەنە Dot. Netئىستراتېگىيسىنىڭ تەپسىلىي پىلانلاش ئارقىلىق  ماڭغان تۇنجى قەدىمى. مىكروسوفتنىڭ Dot. Net ئىستراتېگىيسى ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ھەرىكەتچانلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
Hailstrom تېخنىكىسنىڭ تۇنجى مۇلازىمىتى Passportدەپ ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر مۇلازىمەت سىزنى   ھەر خىل شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلىغىلى بولدىغان ھەم ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تۈرىدىكى بىر خىل ماتېرىيال ئىسكىلاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىز خالىغان بىر زىيارەت قىلغۇچ بار كومپيۇتېر ئارقىلىق بۇ مەنبەگە كىرىپ، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى، ئىناۋەتلىك كارتۇچكىنىڭ قالدۇق سوممىسى ئۇچۇرى، كالىندار جەدىۋىلى، ھېسابلىغۇچ، سىرتقى كۆرۈنۈشنى تاللاش، ھۆجەتكە ئۇچۇر ساقلاش، بوشلۇقنى بىكار قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان توردىكى ئەمەلىي قوللىندىغان پروگراممىلارنى، ئېلېكترونلۇق كىملىك قاتارلىقلارنى ئىشلىتەلەيسىز. Passport مۇلازىمتىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، سىز ھەرقانداق جايدا ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپلا قالماستىن، يەنە توردا تۇرۇپ سودا قىلىشنى ئاددىيلاشتۇرالايسز.



Hailstrom ئاللىبۇرۇن سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىگەللەپ بولغاچقا، سىز قايسى بىر تور مۇلازىمتى تەمىنلەش كارخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىشىڭىزدىن قەتىئيىنەزەر، Hailstrom ھەممىسدە كاپالەتلىك قىلىدۇ. سز ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىيىلاشتۇرۇلغان پروگرامما ئارقىلىق بارلىق كەسپى ئىش بىجىرش تەرتىپلىرىنى ئوروندىيالايسىز، شۇنداقلا پۈتكۈل جەريان تېخىمۇ بىخەتەر، ئىشەنچىلىك بولۇپ بارلىق شەخسى ئۇچۇرىڭىز ئىنتايىن پۇختا قوغداشقا ئېرىشىدۇ.


مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى دەل تېز سۈرئەتتە باشقا ساھەگە كىرىش ھەم ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان بازارغا  يېتەكچىلىك قىلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، تەھدىت ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىدۇر. ھازىرقى مىكروسوفت بىر جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تۈرلەردىكى ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملىسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئاكتىپلىق بىلەن Xbox ئويۇنچۇق ماشىنىسى، MSN تورمۇلازىمتى، ئىزدەش قورالى، يانفون مەشغۇلات   سىستېمىسى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كەسپى ساھەنى ئىچىۋاتىدۇ.


مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قىياسىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى 10يىلدا پۈتۈن دۇنيادىكى شەخسلەر كومپيۇتېرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى داۋاملىق تۈردە پۇختا قەدەم بىلەن كۆپىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىكەن. ئىنتېرنېت تورىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئەمەلىي قوللىنىدىغان يۇمشاق دېتاللار داۋاملىق تۈردە غايەت زور بازار بوشلۇقىنى ساقلايدىكەن. گايتىس ۋە ئۇنىڭ مىكروسوفت شىركىتى يەنىلا قايناق ھېسسىياتقا تولغان ھالدا، بۇ ئىلگىركىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭرى كۆرۈنىدىغان سودا «يېڭى قۇرۇقلۇقى»نى جانلاندۇرىدۇ. ئېتىراپ قىلماسلىققا بولمايدىغىنى، بۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى يەنىلا پەقەت مىكروسوفت ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. يېڭى بىر كۈن يەنە يېتىپ كەلدى. مىكروسوفت ئىمپېرىيىسى يەنە بىزنى باشلاپ رەقەملىك ئەركىنلىككە قاراپ يۈرۈش قىلىشنى باشلىدى!

---------------------------------

داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ....

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

مەزكۇر «بىل.گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتاب تەرجىمان ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن قايتا تەھرىرلىنىپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى