داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئىشتىن بوشىتىلسا، ئىدارە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بەرگەندىن سىرت، يەنە داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرەمدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئىشتىن بوشىتىلسا، ئىدارە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بەرگەندىن سىرت، يەنە داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرەمدۇ؟
جاۋاب: ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەتتىن باشقا سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ، ئەمگەك باھالاش ھەيئىتى ئەسلىدىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغاندا، ئۇنىڭ شۇ ئىدارىدە ئىشلىگەن خىزمەت ۋاقتىغا ئاساسەن، ھەر بىر يىلىغا 1 ئايلىق مائاشىغا باراۋەر كېلىدىغان ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بەرگەندىن سىرت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 6 ئايلىق مائاشىدىن تۆۋەن بولمىغان داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.
ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ۋە ساقايماس كېسەل بولۇپ قالغانلارغا يەنە داۋالىنىش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك، ئېغىر كېسەل بولغانلىقى سەۋەبلىك قوشۇپ بېرىلگەن قىسمى داۋالىنىش ياردەم پۇلىنىڭ %50دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، ساقايماس كېسەل بولغانلىقى سەۋەبلىك قوشۇپ بېرىلگەن قىسمى داۋالىنىش ياردەم پۇلىنىڭ %100دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.