تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە ئىسمىنا ھەققى تەلەپ قىلالامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە ئىسمىنا ھەققى تەلەپ قىلالامدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، كارخانىلار دۆلەت قانۇنى بىلەن زىت كەلمەيدىغان ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش تۈزۈمى تۈزۈپ، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش تۈزۈمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش ئەھۋاللىرىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولمىغان ئىسمىنا مائاشى بەرسە بولىدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئىسمىنا مائاشى تۆشىلىنىڭ ئالدىنقى شەرتى «ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەمگەكچىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىك خىزمەت ۋاقتىدىن سىرت خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇش»، ئەمگەكچى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىسمىنا مائاشى تۆلىمىسە بولىدۇ.