پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىل

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-13 11:38 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاسىمگۈل ئابدۇرېشىت كونىلاردا يول بىلمىسەڭ، سوراپ بىل دەيدىغان م

ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

ئاسىمگۈل ئابدۇرېشىت

   كونىلاردا ‹‹يول بىلمىسەڭ، سوراپ بىل›› دەيدىغان ماقال بار. ئوقۇغۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا تايىنىپلا ئۆزىنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرالىشى، ئىلىم – پەننىڭ سىر – ھېكمەت ۋە ‹‹نېمە ئۈچۈن››لىرىگە جاۋاب تېپىپ كېتەلىشى ناتايىن. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلاردا چوقۇم ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر. ھازىر كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلاردا تارتىنچاقلىق، سوئال سورىماسلىق، سورالغان سوئالغا ئەستايىدىل جاۋاب بەرمەسلىكتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام بولغان ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

   1. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا تەبىئىي يېتىلىشىگە ئاساس سېلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرى ئائىلە ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت چەكلىك دائىرىدە بولىدۇ. شۇڭا، ئائىلىدە ئاتا – ئانىلار، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشى لازىم. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا سالماقلىق بىلەن قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىپ، كۆپرەك سوئال سوراپ ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سېلىشى كېرەك. مۇشۇ ئاساستا، ئوقۇغۇچىلاردىكى تارتىنچاقلىق، قورقۇنچاقلىق ۋە جۈرئەتسىزلىكنى تۈگىتىپ، ئۇلارغا سوراپ بىلىشنىڭ بىر خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى تەبىئىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

   2. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنىڭ ئاڭلىق، سۈپەتلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك، ئىدىيىۋى ھالىتى تۇراقسىز بولغاچقا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىدىن ۋاز كېچىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئادەتنى يېتىلدۈرۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاشمىغان پسىخىك ھالىتىگە ئاساسەن ئۇلاردىن سورىلىدىغان سوئالنىڭ ۋەزنىنىڭ ئۇلارنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە، ئوبيېكتقا ماس ياكى ماس ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى، ئۇلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىشى، ئۇلار سورىغان سوئالغا زېرىكمەي جاۋاب بېرىشى، ئۇلارنى ئۆز ئىچ سىرىنى ئېيتالايدىغان دوستى بولۇش ھېسسىياتىغا كەلتۈرەلىشى كېرەك.

   3. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى دائىملىق ئىشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش دائىملىق ئۆگىنىش (دەرسخانىدا ئۆگىنىش، ماتېرىيال ئارقىلىق ئۆگىنىش)نىڭ ئىجراچىسى شۇنداقلا دائىملىق ئۆگىنىشنىڭ تەلىپى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تەربىيىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا كەشپىياتچىلىرى، زامان ئىختىراچىلىرىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۇنياۋى مۆجىزاتلارنى يارىتىش جەريانىدىكى ئىزدىنىش يوللىرى، ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان نادىر ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك.

   4. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى تۈزۈم تۈسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار تۈزۈمنىڭ مەلۇم چەكلىشى ئاستىدا ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، ئادەتكە ئايلىنىدۇ. يۇقىرىقى ئۇسۇللار ‹‹ئۆز كارامىتى››نى كۆرسىتىپ ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى مۇمكىن. سوئال سوراشقا ئادەتلەنمىگەن ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا سۆزلەنگەن دەرسنىمۇ بىلىپ بولالمايدۇ. شۇڭا، كەم مەزمۇنلارنى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىدىن سوراپ بىلىشى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

مەنبە:شىنجاڭ گىزىتى

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر