گوللاندىيەلىك ئالىملار يېقىندا مەخسۇس ئەرلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاق كۆڭۈل ئەرلەرنىڭ ئىچى قوتۇر ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغانىدى. مانا ئەمدى ئامېرىكىلىق ئالىملار مەخسۇس ئاياللار ئۈستىدە شۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنى ئىشلىگەندىن كېيىن مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: ‹‹ئاق كۆڭۈل ئاياللارمۇ خۇددى ئاق كۆڭۈل ئەرلەرگە ئوخشاش، ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغان ئاياللاردىن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىچى قوتۇر كىشلەر ۋاقىتنى ھەر قاچان باشقىلارنى قىيناشقا ئىشلەتسە، ئاق كۆڭۈل كىشلەر ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى تەنھەرىكەت قاتارلىق كىشىنى شادلاندۇرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىدۇ››.
تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: بۇ تەتقىقاتتا 100 مىڭ ئايال سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلدى، ئېرىشكەن نەتىجىمىزدىن ئاق كۆڭۈل ئاياللارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشكە خۇشاللىق بىلەن ئىنتىلىدىغانلىقى، دائىملا كۈلۈپ يۈرۈيدىغانلىقى؛ ئۇلارنىڭ كۆكسى–قارنى كەڭ بولۇپلا قالماستىن، ھەر قانداق مۈشكۇلاتقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ئايان بولدى. دېمىسىمۇ، ئىچى قوتۇر ئادەملارنىڭ كۆڭلىدە دائىم يامانلىق ئوتى لاۋۇلداپ تۇرىدۇ، بۇ ھال ئۇزاق داۋام قىلسا چوقۇم كىشىنىڭ سالامەتلىكى تۈگىشىدۇ، كاللىسى دائىم گاڭگىراپلا يۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ–دە، ئاقىۋەتتە تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئۆمرىگە زور زىيان يېتىدۇ.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !