ئۆزىدىن چوڭلارنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ، نۇرغۇن ياشلار بۇنى چۈشەنمەي، پۇلىنى دەپ ياخشى كۆرىدىغاندۇ دەپ، ئويلايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.
پۇلمۇ مۇھىم، لېكىن پۇلدىن مۇھىم بولغىنى ئۆزىدىن چوڭ ئادەمنىڭ روھىي تۈرۈكلۈك رولىنى ئۆتىشىدە.
سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان ئەرلەر ھەرخىل بولىدۇ، پۇلى بار ئەرلەر، كېلىشكەن ئەرلەر، قابىلىيەتلىك ئەرلەر، ئۆزىنى بويسۇندۇرالايدىغان ئەرلەر....لېكىن ھېچقايسىسى ئۆزىگە روھىي تۈۋرۈك بولىدىغان ئەرگە يەتمەيدۇ.
زادى بۇ ئۆمرۈمنى قانداق ئەر بىلەن ئۆتكۈزىمەن؟ئىشىنىمەنكى ھەربىر قىزبالا ئۆزىدىن بۇ سوئالنى سوراپ باققان. لېكىن جاۋابى بىزنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. لېكىن پىشقان بىر ئايالنىڭ تاللايدىغىنى مەيلى ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرىدىغان ئەردۇر.
سىزگە روھىي تۈۋرۈك بولالايدىغان ئەر سىزگە ھەمراھ بولسا ئۇ كىشىلىك ھاياتىڭىزنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، نېمىنى قەدىرلەشنى، نېمىدىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىتىدۇ، چوڭ-كىچىك ئاچال يولغا يولۇققاندا تاللىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك غەملىرىڭىزنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش ۋە يۈزلىنىشنى ئۆگىتىدۇ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كەلگەن قېيىن مەسىلىلەرنى قانداق يېشىشنى ئۆگىتىدۇ.
سىزگە تۇرمۇشنىڭ تەمىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، سىز كۆرۈپ بولمىغان مەنزىرىنى سىزگە كۆرسىتىدۇ، بۇنداق ئەر سىزگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولالايدۇ.
پەقەت ساددا قىزلارلار ئەرلەرنىڭ چىرايى ۋە پۇلىغا ئاشىق بولىدۇ، لېكىن پىشقان قىزلار ئۆزىگە روھىي تۈۋرۈك بولىدىغان ئەرنى ئىزدەيدۇ.
شۇڭا بۇنداق ئەرگە ئۇچرىسىڭىز ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !