ئاياللار ئەرلەرنىڭ ۋەدە بېرىشىگە ئامراق، بەلكىم ئۇنىڭ قىلغان كىچىككىنە ۋەدىسى ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياسى بولۇشى مۇمكىن. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، مۇھەببەتنى قۇلاقتا ئاڭلايدىغان ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ سىزنى ئالىمەن دەپ ۋەدە قىلغان بىرىنىڭ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئاڭلايسىز، سىز بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن دېگەن شۇ ئەرمۇ يەنىلا شۇ ئۆز ئىزىدا مېڭىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، شۇيىلى سىزگە بەرگەن ۋەدىسى پەقەت بىر يالغان گەپ بولۇشى مۇمكىن. ئەسلى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىق، جەنۇب بىلەن شىمال بولماستىن، مەن سېنىڭ دېگەن ھەربىر ئېغىز گېپىڭگە ئىشىنىش، لېكىن سەن پەقەت ئۇنى ئاغزىڭنىڭ ئۇچىدىلا دەپ قويۇش ئىكەن.
ئەگەر بىرسى سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېسە، سىزگە غەمخورلۇق قىلغاندا ئىشىنىڭ؛
ئەگەر سىزنى بىرەر يەرگە ئاپىرىمەن دېسە، ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلغاندا ئىشىنىڭ؛
ئەگەر بىرسى سىزنى ئالىمەن دېسە، قولىڭىزغا ئۈزۈك سالغاندا ئىشىنىڭ؛
ئەي قىز، بىر كۈنلەردە شۇنى ھېس قىلىپ قالىسىزكىن، بىر ئەرنىڭ ھەقىقىي ۋەدىسى ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىدە ئەمەس، نېمە قىلغانلىقىدىن ئىپادىلىنىدۇ.
ئەمىسە بىر ئەرنىڭ ھەقىقىي ۋەدىسى نېمە؟
ئاياللارنىڭ قەلبىدە پەقەت «نىكاھ» لا ئەرلەرنىڭ ھەقىقىي بەرگەن ۋەدىسى، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش بەك ئاددىي، دەبدەبىلىك مۇھەببەت پەقەت كىنودىلا ئۇچرايدۇ، ئايال كىشىگە مۇھىم بولغىنى مەڭگۈلۈك ھەھراھ، ئۇنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى مەڭگۈلۈك نىكاھ.
شۇڭا ھەقىقىي پىشقان بىر ئەر ئاغزىدا ۋەدە قىلمايدۇ، پەقەت كۆڭلىدىكىنى ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلايدۇ، ئاغزىدىلا ياخشى كۆرۈش ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەت ئەمەس.
ئاغزىدا ئايرىلمايمىز دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرى ئايرىلىپ كەتتى، ھەقىقىي مۇھەببەتلەر توي خېتى ئالغىلى باردى.
ئاغزىدا توي قىلىمىز دېگەنلەر ئاخىرىدا توي قىلالمىدى، سىزنى ھەقىقىي ئەمرىگە ئالىدىغان ئەر قولىڭىزدىن تۇتۇپ سىزنى ئاتا-ئانىسىغا كۆرسىتىدۇ، قولىڭىزغا ئۈزۈك سېلىپ، سىزنىڭ ئۆزىگە ياتلىق بولۇشىنى سورايدۇ.
شۇڭا بىرسىنىڭ سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سىزگە قانچىلىك شېرىن سۆزلەرنى قىلغىنىغا ئەمەس، سىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بەرگىنىگە قاراڭ.
ئەرلەرمۇ لايىقىنى ئەمرىگە ئېلىشقا تەييارلىق كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا خالىغانچە ۋەدە بەرمەسلىك كېرەك، ئايال كىشىگە بۇ ئۆمرىدە پەقەت بىرلا ۋەدە يەنى «سېنى ئەمرىمگە ئالىمەن» نى بېرىش كېرەك، بۇنىمۇ تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا %100 ئىشەنچ بولغاندا ئاندىن كۆڭۈلنى توختىتىپ دېيىش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !