كېچىدە تەرلەش ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى. تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا كېچىسى تەرلەپ يوتقان-كۆرپىنى ھۆل قىلىۋېتىش، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
كۆپ تەرلەپ باش قېيىش قان شېكىرى تۆۋەنلىگەنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قان شېكىرى تۆۋەنلىگەن دەسلەپكى باسقۇچتا كۆپ تەرلەش، تىترەش، باش قېيىش ھەم كۆڭلى ئېلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق چاغدا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ، قان شېكىرىنى تولۇقلاش كېرەك.
كۆپ تەرلەپ باش ئاغرىش يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى. بۇ يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئالامىتى كۆرەك ئاغرىش، ئىچى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش ھەم كۆپ تەرلەش قاتارلىقلار.
كۆپ تەرلەش ۋە ئورۇقلاش قالقانبەز فۇنكىسىيەسىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قانقانبەز ئاجراتمىسى كۆپ بولسا، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىز بولىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئىسسىقتىن قورقىدۇ، قورسىقى تېز ئاچىدۇ، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ ھەم كۆپ تەرلەيدۇ.
تاماق يېگەندە يۈزى تەرلىسە، ئاشقازاندا مەسلە بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/05/content_496086.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !