نېمە ئۈچۈن ئەرلەر ئاسانلا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئەرلەر >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-01-29 12:57:31

بەزى ئەرلەرنىڭ ئاشنا ئويناشقا بۇنچە قىزىقىپ كېتىشى ھەتتا خۇمار بولۇپ قالغاندەك بولۇپ قېلىشى پەقەت ئەرلەردىكى يېڭى نەرسىلەرگە قىزىقىش پىسخىلوگىيىسى سەۋەبىدىنلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئەرلەرنىڭ «توقال» ى بىلەن خوتۇنىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق «توقال» ىدىكى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە ھېسسىياتتىن ھوزۇرلىنىشتىن ئىبارەت. ئۇنداقتا سىرتتىكى ئۈچىنچى شەخسنىڭ قانداق ئالاھىدە تەرەپلىرى بار؟

ئۈچىنچى شەخس ھەرخىل ئاماللار بىلەن مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەرگە ياخشى كۆرۈنۈشكە تىرىشىدۇ

ئايال بولغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى بىلىدۇ، شۇڭا يولدىشىنىڭ ئالدىدا ياسالمىلىق قىلىپ كەتمەيدۇ، يولدىشىغا ۋاي دەپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەرلەردە ئىش قىلىش خوشياقمايدىغان يامان ئادەت پەيدا بولىدۇ. ئەمما سىرتتىكى ئاياللار ئوخشىمايدۇ، ئۇلاردا تۇغما كىرىزىس تۇيغۇسى بولىدۇ، ئۇلار يېنىدىكى ئەرنى بۈگۈنى خاپا قىلىپ قويسا، ئەتىسىلا مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئۈچىنچى شەخس ئادەتتە ئەرلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ

سىرتتىكى ئاياللار ئۆزىنى سوراشنى بەك بىلىدۇ، ئەگەر ئۇ ئەرنىڭ خوتۇنى بولۇشنى ئويلىمىغان بولسا، ئادەتتە ئەرلەرنىڭ كەينىدە مۆكۈپ يۈرىدۇ، ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزلىرى ئەرنىڭ چىرايىغا بېقىپ بولىدۇ، ئۇ ئەر سەللا خاپا بولغۇدەك بولسا، شۇ ھامان ئۆزىنى بىلىۋالىدۇ. ھەرگىزمۇ نىكاھلىق، ھالال جۈپتىدەك ئېرى قانچىلىك خاپا بولۇپ كېتىۋاتسىمۇ، ئۆزىنى تۇتىۋالماي، ئېرى بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ.

نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار ئەرلەرگە قايتا مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ

نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار ئەرلەرگە مەڭگۈ ئەڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئايالىغا ئوخشاش يۈزىگە يۈزلۈك چاپلاپ، كەڭتاشا ئۇخلاش كىيىملىرىنى كىيىپ ئۆي ئىچىدە ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرمەيدۇ، ياكى كىرىسلودا ئولتۇرۇپ مازغاپ فىلىملەرنى كۆرمەيدۇ. ئۇلار ئەرلەر ئالدىدا ئەڭ تەنناز، ئەڭ گۈزەل قىياپەتلەرنى نامايەن قىلىدۇ. مەيلى سىرتتا بولسۇن، ياكى كارىۋاتتا بولسۇن، ئۇلار تەنناز قامىتى ۋە ئەركىلەشلىرى بىلەن ئەرلەرنى ياشلىق باھارىغا قايتىپ قالغاندەك، قايتىدىن شېرىن مۇھەببەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.

نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار ئەرلەرنى قەدىرلەشكە ئېرىشىۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ

ئايالنىڭ ئەرگە بولغان پوزىتسىيىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بارغانسېرى ئۆزگىرىدۇ، مۇھەببىتىنىڭ بىر قىسمى بالىلارغا مەنسۇپ بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەرلەر قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، ئائىلىدە ئېتىبارسىز قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار بولسا ئوخشىمايدۇ، ئەرلەر ئۇلارنىڭ بارلىقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى، زېھنىنى، مۇھەببىتىنى بۆلىدىغان بالىسى يوق.

نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە ماھىر

نىكاھلىق ئاياللار دائىم ئېرىنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ ئازلىقىدىن، ئۆيىنىڭ كىچىكلىكىدىن ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. ئەمما «توقال» لار ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. ئەرلەر ئۇلارغا قانچىلىك ماددىي نەرسىلەرنى بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ، يەنە كېلىپ ھەرۋاقىت، ھەرجايدا بۇ خىل پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئەرلەرنى ئۆزى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشكە ئوچۇق-ئاشكارا، بىۋاستە مەجبۇرلىمايدۇ (ۋاستىلىك ھالدا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشكە ماھىر)، ئەكسىچە، ئۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھالىغا يېتىدۇ، ھەرۋاقىت ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

«توقال» لار ئەرلەرنىڭ ھالىغا بەك يېتىدۇ

ئەرلەر كەيپىياتى ناچار ۋاقىتتا ئاچچىقىنى چىقىرىشقا موھتاج بولىدۇ، سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بىرەيلەنگە موھتاج، ھالبۇكى ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىشى، زور چەكتە ئايالى ئاللىبۇرۇن يوقاتقان ئۆز ھالىغا يېتىدىغان تەرەپلىرىنى ئىزدەش. ھەقىقەتەنمۇ نىكاھ سىرتىدىكى ئاتالمىش «توقال» لار ئەرلەرنىڭ بۇ ئارزۇسىنى قاندۇرالايدۇ. ئۇلار ئەرلەرنىڭ نىكاھلىق ھالال جۈپتىگە قارىغاندا كىشىنىڭ ھالىغا بەكرەك يېتىدۇ، سەۋىرچان، ئەرلەرگە ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ.

نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ

تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى، تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى، ئۇلۇغ ئانىلىق بۇرچ، كېلىنلىك بۇرچ قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى ھېرىپ-چارچىغان نىكاھلىق ئاياللاردا ئەرلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىغا سەل قارايدىغان ياكى ئەرلىرىنىڭ ھەرخىل تەلەپلىرىدىن بىزار بولىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار دەل ئەكسىچە، ئۇلار ئەرلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا، ئاكتىپ ماسلىشىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئاياللار ئەرلەرگە ئىتائەتمەن، مۇلايىم ئەنئەنىۋى ئاياللار ئوبرازىنى بەرگەنلىكتىن، ئەرلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ.

نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار ئەرلەرنى تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ

قەدىمدىن ھازىرغىچە، كەسىپ ئۇتۇق قازانغان ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت تارىخى بولغان. مەسىلەن كلىنتون، تاڭ بوخۇ، يەنە جۇڭگودىكى نۇرغۇن مەنسەپدارلار. مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەر ئاياللارنىڭ مەدھىيلىشىگە، چوقۇنۇشىغا موھتاج. ئەمما نىكاھلىق ئاياللار ھاماقەتلەرچە ئەرلەرنى مەدھىيلەپ، چوقۇنۇشقا ماھىر ئەمەس. ئەمما نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار بولسا ئەرلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈردىغان ھاماقەت قىياپەتتە ئەرلەرنى مەدھىيلەپ، ئۇنىڭغا قاتتىق چوقۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ماھىر.

نىكاھ سىرتىدىكى ئاياللار ئەرلەرنى بىزار قىلمايدۇ

ئەرلەر ئادەتتە بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ-چارچاپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، روھىي ئازادىلىك ئىستەيدۇ. نىكاھلىق ئاياللار يولدىشىنىڭ بۇ كەيپىياتىغا دىققەت قىلماستىن، تولا كوتۇلداپ، ئۇنى-بۇنى سوراپ، ئەرلەرنى سەل بىزار قىلىپ قويىدۇ. ئەمما «توقال» ئەرنى كۈزىتىشكە ماھىر، ئەرلەر گەپ قىلىشنى خالىمىغاندا، دەرھال ئاشخانىغا ئۆتىدۇ. ئەرلەر ئاز-تولا ھاردۇقىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئالدىغا بىر ئۈستەل مىزىلىك تائاملارنىڭ كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىدۇ.

 



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە...
  • ھەيز مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولامدۇ؟
  • بىزدىكى يېڭى خۇراپات-ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش
  • سېمىز ئادەم ئورۇقلىسا، مەستلىكى ئاسان يېشىلىدۇ
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى
  • تېرىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتاي دېسىڭىز...
  • قانداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئادەمنى چارچاتمايدۇ؟
  • بالىنىڭ قانداق كەسپ تاللىشى گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك
  • ئاياللارنىڭ كۆز يېشىنى قورال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان سورۇنلار
  • ئاياللار نېمىشقا داشقال ئەرلەردىن ئايرىلالمايدۇ؟
  • كىچىك قورساقنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • بالىلىق مەزگىلىدە ئانتىبىئوتىكلارنى كۆپ ئىشلەتكەننىڭ زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سالامەتلىكنى ياخشىلاش چارىلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يانفوندا تورغا چىقسا، رادىياتسىيە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىمە ئۈچۈن قانچە ئالدىراش بولغانسېرى جىنسىي تۇرمۇشقا شۇنچە ئىنتىلىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەردىكى بەل ئاغرىش قانداق كېسەللىك ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ چىرايى ئېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماكا چېكىشنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۈنىگەندە ئالما يەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تارىختىكى ئۇرۇشلاردا ئەڭ كۆپ مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىزدا بىرلىشىش 2016 ھەربىي مانېۋىرى ھەقىقىي ئەسكەر باسقۇچىغا كىردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چەتئەللىك ئىنژېنېر كەلگۈسىدىكى مودۇللاشتۇرۇلغان ئايروپىلاننى لايىھەلەپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قانۇنسىز قائىدىگە خىلاپ 4207 تور بېكەت تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا 1 مىليون دانە سامسۇڭ Note7 يانفۇنىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چاۋشيەن ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق گۈزەل چولپان - دىيا مىرزا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىلارى «سالامەتلىك سەتچىلىكى» دىن كېيىن روھلۇق ھالدا قايتا پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭ مۇسۇلمان مەككىدە ھەج قىلماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015