ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

كىرىستىيانو رونالدو ياۋوپا چېمپيونلۇق مۇسابىقىسى تارىخىدىكى مەرگەن شاھىغا ئايلاندى

ۋاقتى : 2015-03-11  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

p.jpg

سۇمرۇغ تەنتەربىيەسى 11-مارت خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە مەزكۇر مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا چېمپيونلۇقى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ قايتا ئۇچرىشىشىدا خان مادرىد 4-3 نەتىجە بىلەن سالكى 04 كوماندىسىغا تەڭ كېلەلمىدى، ئەمما ئومۇمىي نومۇر 4-5 بىلەن كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويدى. گەرچە خان مادرىد كوماندىسىدىكى ھەممە توپچىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما توپ كوماندىسىدىكى يادرولۇق توپچى كىرىستىيانو رونالدو كوماندىنى ئاخىر ئوڭۇشسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. مەزكۇر مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن پورتۇگالىيەلىكنىڭ ياۋروپا چېمپيونلۇق مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 78گە يەتتى، شۇ ئارقىلىق مېسسى ۋە رائۇلنى بېسىپ چۈشۈپ، ياۋروپا چېمپيونلۇق مۇسابىقىسى تارىخىدىكى مەرگەن شاھىغا ئايلاندى.
يېقىندا دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان كىرىستىيانو رونالدونىڭ كۈنلىرى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتمىدى. چۈنكى توپ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى بولسۇن ياكى شەخسىي ئىپادىسى بولسۇن باشقىلارنى قايىل قىلمىقى تولىمۇ قىيىن. ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە خان مادرىد 5 نومۇر ئەۋزەللىك بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە خان مادرىدنىڭ ئۇتتۇرىشىغا ئەگىشىپ، بارسېلونا كوماندىسى چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خان مادرىد كوماندىسىدىن ئېشىپ ئۇنى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىرلەشمە مۇسابىقە مەرگەنلەر قاتارىدا مېسسى كىرىستىيانو رونالدوغا يېتىشىۋالدى.
ئەمما دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ھەمىشە قىيىنچىلىق ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ، كىرىستىيانو رونالدو ھەل قىلغۇچ ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈشى كوماندىدىنىڭ كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.
كوماندىنىڭ بېسىمىنى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە كىرىستىيانو رونالدو يەنە قورساق كۆپۈكىدىن ئازراق يىنىكلەپ قالدى. توپ كىرگەندىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ ۋارقىرىشىدىن ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈشكە تولىمۇ ئىنتىزار بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كەسپىي ھاياتىدىن قارىغاندا كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىككى توپ ئۇرۇشى ئەسلى ئادەتتىكى بىر ئىش، ئەمما ياۋروپا چېمپيونلۇق مەيدانىدا ئىككى توپ ئۇرۇش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئادەتتىن تاشقىرى مەنىگە ئىگە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئازراق بوشاپ قالغان كىرىستىيانو رونالدو ئاخىر ئۆزىنى ئىلھاملاندۇردى، پۈتۈن كوماندىنى قورقۇنچلۇق ھاڭدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.
خاتىرىلەشكە تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مۇسابىقىدىن ئاۋۋال كىرىستىيانو رونالدو مېسسى ۋە رائۇل بىلەن ياۋروپا چېمپيونلۇق مۇسابىقىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر قاتارىدا 1-ئورۇندا تۇرغان (ئۈچەيلەننىڭ كىرگۈزگەن جەمئىي توپ سانى 76 ئىدى). مەزكۇر مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن كرىىستىيانو رونالدونىڭ ياۋروپا چېمپيونلۇق مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 78گە يەتتى.
تەرجىمىدە: لوقمان
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا