خەلقئارا لىنىيەسى تورى 10-مارت خەۋىرى: چەتئەل مىدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇستازلار چېمپيونلۇق مۇسابىقىسىدە، لوندوندىكى 95 ياشلىق بوۋاي چارلېز (Charles Eugster) 95 ياشتىن يۇقىرىلار گۇرۇپپىسىدىكى 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە رېكورت ياراتتى.
چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، چارلېز 200 مېتىرنى 55.48 سېكونتتا يۈگۈرۈپ تاماملاپ، 95 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى رېكورتىنى ياراتقان.
مۇسابىقىدىن كېيىن چارلېز مېھمانخانىدا خېلى ئۇزۇن ئارام ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن.
چارلېزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2014-يىلدىن باشلاپ مەشىقنى باشلىغان بولۇپ، يېشى ئۇنىڭ ئاكتىپ ھالدا تەنھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىشىنى توسۇپ قالالمىغان.
ئۇ: «يېشىمىز قانچە چوڭ بولسىمۇ، پەقەت ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان يۈرەك بولسىلا مۆجىزە يارىتالايمىز» دېدى.
تەرجىمىدە: لوقمان