سۇخۇ تەنتەربىيەسى 9-مارت خەۋىرى: بۇ ھەپتە پارىژ سانت گېرمان ستانفورد توپ مەيدانىدا چېلسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئىبراھىموۋىچ بىلەن داۋىد لۇيىس مورىنھونىڭ بۇرۇنقى ئىنىلىرى بولۇپ، PSGنىڭ كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىگە قەدەم قويالىشىدىكى ئاساسلىق فىشكىسىدۇر. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىككىسى مۇسابىقىدىن ئاۋۋال مىدىيەلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىبراھىموۋىچ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش مورىنھو بىلەن ئارانلا بىر مۇسابىقە پەسلى ھەمكارلىشىش ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئاشكارىلىغان. ئەمما برازىلىيەلىك بېك داۋىد لۇيىس مورىنھونى پەس كۆرىدىغانلىقىنى بىلدرۈگەن.
ئىبراھىموۋىچ خەلقئارا مىلاندىكى چاغدا مورىنھونىڭ قولىدا توپ تەپكەن، ئەمما ئۇ چاغدا پەقەت بىرلا مۇسابىقە پەسلى ھەمكارلاشقان، كېيىن ئىبراھىموۋىچ بارسېلوناغا قوشۇلدى، كېيىن خەلقئارا مىلان 46 مىليون ياۋرو خەجلەپ ئېتوئوغا ئېرىشتى، گەرچە ھەمكارلاشقان ۋاقىت ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ئىبراھىموۋىچ 2008-09-مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ باھالاندى، شۇ چاغدا ئۇ 25 توپ كىرگۈزدى. ئىبراھىموۋىچ بۇندىن ئىلگىرى مورىنھونى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما چېلسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئىلگىرى مورىنھو بىلە ھەمكارلاشقان، ئۇ ئىنتايىن گۈزەل چاغلار ئىدى، بىز خەلقئارا مىلاندا خۇشاللىق بىلەن بىر يىل ھەمكارلاشتۇق، بىردىنبىر ئەپسۇسلىنىدىغىنىم شۇكى، بىز پەقەت بىرلا مۇسابىقە پەسلى ھەمكارلاشتۇق».
تەرجىمىدە: لوقمان