شىنخۇا تورى ۋاشىنگتون 18-سېنتەبىر تېلېگىراممىسى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو 18-سېنتەبىر ۋاستىنگىتوندا زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن ئاق سارايدا ئۇچراشتى ھەمدە پارلامنتتا كېڭەش ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گەرچە پوروشىنكو ۋاشىنگىتوندا يۇقىرى ئۆلچەملىك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم نىشان ئامېرىكىنىڭ ئەجەللىك قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشىش ئىدى. ئەمما بۇ ئارزۇ تېخى ئىشقا ئاشمىدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە يەنىمۇ ئارلىشىپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىدەك پوزىتسىيەسىنى كۆرسىتىپ بەردى.
بۇ پوروشىنكونىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى. ئاقساراي باياناتچىسى ئونىست زىيارەتتىن ئىلگىرى: زۇڭتۇڭ پوروشىنكونىڭ ئاق ساراينىڭ زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدىكى سۈرئىتى ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ، دېگەنىدى.
ئوباما پوروشىنكو بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇنى بەك ماختىدى، ئۇنى زۇڭتۇڭ بولۇشقا لايىق نامزات دېدى ھەمدە ئۇنىڭ قېيىن ۋەزىيەتتە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما يەنە پوروشىنكونىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى جۈملىدىن ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن ئۇرۇش توختىتىتش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ۋە شەرقىي قىسمدىكى قىسمەن رايونلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش قانۇنىنى ماقۇللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
پوروشىنكو مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسمىنىڭ ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتە تىنچلىق ۋاستىسىنى قوللىنىشقىلا بولىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا 12 كۈنلۈك ئۇرۇش توختاتقان كېلىشىمىنىڭ ھەقىقىي تىنچلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئاقساراي شۈ كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 53مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەردى، ئۇنىڭ ئىچىدە 46مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى قوللاشقا، قالغان يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئاممىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە ئىشلتىلىدۇ. ئاق ساراي تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ياردەمنى قوشقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا بەرگەن ياردەم ئومۇمىي سوممىسى 291مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
ئوباما بىلەن ئۇچرىششىتىن ئىلگىرى ئامېرىكا يەنە پوروشىنكونى پارلامنتتا ئاۋام كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ زىيارەتكە كەلگەن چەتئەل رەھبەرلىرىگە قىلىنغان ئالىي سىياسىي ھۆرمەت دەپ قارالىدۇ. دۆلەت مەجلىسىدىكى پارلامنت ئەزالىرىمۇ پوروشىنكونىڭ يۈزىنى قىلىپ، نۇتۇق سۆزلىگەندە كوللىكتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالدى.
پوروشىنكو پارلامنتتا نۇتۇق سۆزلىگەندە بۇ قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشتىكى ئاساسلىق نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقىي قىسمدىكى ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ ئەجەللىك قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇڭ ئەدىيال بىلەن كېچىلىك ئەينەك ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىم. ئەمما بىز يۇڭ ئەدىيالغا تايىنىپ، ئۇرۇشتا غەلبە قىلالمايمىز.
ئۇكرائىنا كىرزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇكرائىناغا نۇرغۇن ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە دوبۇلغا، ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى، كىچىلىك كۆرۈش ئەسۋابى، رادار، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى شۇنداقلا ئاپتوموبىل قاتارلىق ئەجەلسىز ھەربىي ئەسلىھەلەر بار. ئەمما ئوباما ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئېغىر تېپتىكى قورال قاتارلىق ئەجەللىك قۇراللار بىلەن تەمىنلەش مەسلىسىدە بەلگىلىك ئارلىقنى ساقلىدى.
ئەمەلىيەتتە ئوباما ئۇچراشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا ئەجەللىك قۇراللار بىلەن تەمىنلەشنى تىلغا ئالمىدى. پوروشىنكونىڭ ئارزۇسىمۇ كۆپۈككە ئايلاندى. پوروشىنكو مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىگە ئەگىتىپ تۇرۇپ، مەن ئېرىشىشكە تېگىشلىكنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشتىم، دېدى. ئۇ يەنە ئەدەپ بىلەن ئامېرىكا تەمىنلىگەن ياردەمدىن مەمنۇن ئىكەنلىگىنى بىلدۈردى.
ئونىست شۈ كۈنى ئاق سارايدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئوباما بۇ مەسىلىدە چىڭ تۇرۇشنى خالىمىدى، ئۇ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ئۇكرائىنا مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقى قىسمدىكى قۇراللىق خادىملار سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق زىيددىيەتنى پەسەيتىشى كېرەك، ھەربىي ۋاستە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس دەپ قارايدۇ.
ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ كۆزەتچىسى جۇن سوفى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پوروشىنكو ئامېرىكىدا ئېرىشكەن ھۆرمەتتىن مىننەتدار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەقىقى ئېھتىياجلىقى ھەركەت، بۇ تېخىمۇ چوڭقۇر ھەربىي مۇناسىۋەت، تېخىمۇ كۆپ قورال ياردىمى شۇنداقلا رۇسىيەنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش دوستانە قىزغىن ئالقىش ساداسىغا قارىغاندا تېخىمۇ تەس.