شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، فىلىپپىننىڭ رىزال ئۆلكىسى، شۇ كۈنى ‹سۇمۇرغ› ناملىق تەيفېڭ بورىنى فىلىپپىنىڭ شىمالىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، پايتەخت مانىلا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆلكىلەردە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. تەيفېڭ بورىنى تەسىرىدىن پەيدا بولغان قارا يامغۇردا پايتەخت مانىلانىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇش توختىتىلىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مەجبۇرىي خىزمەت توختىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە سودا سېتىق ئورۇنلىرىدىمۇ سودا توختاپ كەتكەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ يارىلانغان.









