
شىنخۇا تورىنىڭ 20 – سېنتەبىر ئەنقەرەدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 20 – چىسلا مۇنداق جاكارلىدى، ئىراق چېگرىسى ئىچىدىكى مۇتەئەسسىپ تەشكىلات ISIS («ئىسلام دۆلىتى») تۇتقۇن قىلىۋالغان 49 نەپەر تۈركىيەلىك تۇتقۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلدى.
ئەردوغان شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى، ھارماي تالماي تىرىشىش ئارقىلىق، «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان، تۈركىيە باش ئەلچىسى، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە باشقا تۈركىيەلىك پۇقرالار ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلدى».
بۇندىن باشقا، تۈركىيە دوئان ئۇچۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئولۇ 20 – چىسلا مۇنداق دېگەن، ئۇ ئەزەربەيجاندىكى زىيارىتىنى قىسقارتىپ، دەرھال تۈركىيەگە قايتىپ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سانلىئۇرفا ئۆلكىسىدە، قويۇپ بېرىلگەن تۈركىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ ئالدىغا چىقىدىكەن.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكى 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن، ISIS (ھازىرقى نامى ‹ئىسلام دۆلىتى›) گە تەۋە مۇتەئەسسىپ قوراللىق ئۇنسۇرلار شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ موسۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى ئىشغال قىلىپ، باش ئەلچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 49 نەپەر تۈركىيەلىكنى تۇتقۇن قىلىۋالدى.