
ئۇكرائىنا مەسلىسىدىكى ئۇكرائىنا، روسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى 19-چېسلا كۈنى بىلوروسىيىنىڭ پايتەختى مىنسىكتا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قوراللىق كۈچ ۋەكىلى بىلەن بىر پارچە ھۈججەتكە ئىمزا قويۇشقان.بۇ قېتىم ئىمزالانغان ھۈججەتتە مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئىمزالانغان ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇكرائىنادا توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ توقۇنۇشۇش رايونىدىن 15 كىلومىتىر يىراقلىققا چېكىنىشى بەلگىلەنگەنىدى.
بىلوروسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 20-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم ئىمزالانغان ھۈججەت تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: ئۇكرائىنادا توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسىسى توقۇنۇشۇش رايونىدىن 15 كىلومىتىر يىراقلىققا چېكىنىپ، 30 كىلومىتىر دائىرىدىكى ئايرىش بەلبېغى شەكىللەندۈرۈشى لازىم؛ توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا قورال ئىشلىتىشنى ۋە بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش ھەركەتلىرىنى توختىتىشى لازىم؛ ھەر ئىككى تەرەپ توقۇنۇشۇش رايونىدىن ئېغىزىنىڭ دىئامىتىرى 100 مىللىمىتىردىن ئاشىدىغان ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى يۆتكەپ كېتىشى لازىم؛ ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىلىرىغا قورال-ياراغ ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەنئىي قىلىش لازىم؛ بومبا قاتارلىق پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلەرنى يەر ئاستىغا كۆمۈپ قويۇپ زەربە بېرىش ھەركەتلىرى مەنئىي قىلىنىشى لازىم؛ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشۇش رايونىدىكى ئاساسلىق قاتناش يوللىرىغا يول توسالغۇسى قۇرۇشى مەنئىي قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ يوللارغا قۇرۇۋالغان يول توسالغۇلىرىنى تېزلىكتە تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم؛ ئۇكرائىنا زىمىنىدىكى بارلىق چەتئەل ئارمىيىسى ۋە ياللانما ئەسكەرلىرى ئۇكرائىنادىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى لازىم؛ توقۇنۇشۇ رايونى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى مەنئىي قىلىنىشى لازىم.


