ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

مىسىرنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق بولىدۇ؟

ۋاقتى : 2014-01-24  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش 18-يانۋار ئاياغلاشتى، بۇ-ئوتتۇرا شەرقتىكى چوڭ داۋالغۇشتا مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مىسىرنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى 3-قېتىم ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشى شۇنداقلا بۇلتۇر 7-ئايدا مۇرسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش، شۇڭا بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. %98.1 تىن يۇقىرى بولغان قوللاش نىسبىتى-بىر قىسىم ئاممىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان تەخىرسىزلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەردى، ئەمما %38.6 لىك ئاۋاز بېرىش نىسبىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئىسلام گۇرۇھلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن تەسىرنى ئوچۇق كۆرسەتتى ھەم مىسىرنىڭ كەلگۈسى سىياسىي مۇساپىسىگە ئەندىشە پەيدا قىلدى.

مىسىرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا، ئاساسىي قانۇن نەچچە قېتىم ئۆزگەرگەن. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇن-2013-يىلى 7-ئايدا مۇرسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى ئاساسىي قانۇن بولۇپ، بۇرۇنقى نۇرغۇن تەرەپلەرگە قارىغاندا، زور ئۆزگىرىش بولدى. مىسىرنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى جەمئىي 247 ماددا بولۇپ، مۇقەددىمە، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، ئەركىنلىك، ھوقۇق ۋە ئاممىۋى مەجبۇرىيەت، ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى قاتارلىق بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاساسىي قانۇن 2012-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئۆزگەرتىش تالاش-تارتىشنىڭ نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

پارتىيە تۈزۈمى جەھەتتە، يېڭى ئاساسىي قانۇندا دىننى ئاساسىي قىلغان پارتىيە قۇرۇش ئېنىق چەكلەندى؛ پارلامېنت تۈزۈمى جەھەتتە، يېڭى ئاساسىي قانۇندا ئىككى پالاتا تۈزۈمىنى بىر پالاتا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى، مەسلىھەت كېڭىشى يەنى پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى بىكار قىلىندى ھەم پارلامېنتتىكى ئىشچىلار ۋە دېھقانلارنىڭ ۋەكىللىك نىسبىتى يېرىمدىن تۆۋەن بولماسلىقتىن ئىبارەت قاتتىق بەلگىلىمە بىكار قىلىندى؛ ئەدلىيە تۈزۈمى جەھەتتە، ھەربىي سوتنىڭ پۇقرالارنى سوتلىشىغا يول قويۇلدى. يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ 204-ماددىسىدا، ئارمىيە مىسىر پۇقرالىرىنى ھەربىي سوتلىسا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاخبارات ئورگانلىرى، ئىچكى ئىشلار ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ مىسىر پۇقرالىرىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەندى. بۇ يەردە ئىشلىتىلگەن «پۇقرا» ئىبارىسى-مىسىردىكى ئەمەلدار، پارلامېنت ئەزاسى، سىياسىيونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق كىشىنى ئارمىيە، ئاخبارات ئورگانلىرى، ئىچكى ئىشلار تارماقلىرىنىڭ نازارەت ۋە سوت قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇندىن باشقا، يېڭى ئاساسىي قانۇندا يەنە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ نامزاتى چوقۇم ھەربىي بولۇش ھەم ئالىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتۈشى كېرەك دەپ بەلگىلەندى. يېڭى ئاساسىي قانۇندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەككە، دىنىي قانۇن سىرتىدىكى ئورگان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلدى. مەسىلەن: ئاساسىي قانۇننىڭ 201-ماددىسى ۋە 234-ماددىسىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ نامزاتى چوقۇم مىسىر ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چوقۇم ھەربىي بولۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەندى. بۇمۇ مەمۇرىي ۋەزىپىدىن چىققان ھۆكۈمەت ياكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇنىدىن ئارمىيەنىڭ مىسىرنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم رولى ئايان بولۇپ، مىسىر ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە مىسىر ئىچكى سىياسىي قۇرۇلمىسىدىكى دۆلەتنى نازارەت قىلىش ئورنىنىڭ قانۇنلۇق بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى. يېڭى ئاساسىي قانۇن-ئارمىيەنىڭ باشلىقى سېسى باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولىدۇ، شۇندىن تارتىپ سېسى رەسمىي ھالدا ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتىدۇ.

يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ئالدى بىلەن تۈزۈم چىقىرىش ئورگىنى بولغان 50 كىشىلىك كومىتېتنىڭ جاپالىق تېرىشچانلىقىغا مەنسۇپ بولدى. 50 كىشىلىك كومىتېت-2013-يىلى 1-سېنتەبىر ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت مەنسۇرنىڭ پىرېزىدېنت پەرمانىغا ئاساسەن قۇرۇلغان. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە، بۇ كومىتېت 8-سېنتەبىردىن تارتىپ، 60 كۈن ئىچىدە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ ئاخىرقى لايىھەسىنى ماقۇللىشى كېرەك ئىدى. كومىتېتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر قىسىم ماددىلار ھەققىدىكى پىكىر بىردەك بولمىغانلىقتىن، قاراپ چىقىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى، بۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش كەينىگە سۈرۈلدى. بىراق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پائال كېڭىشىشى ئارقىلىق، يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ئاخىرى بۇلتۇر 1-دېكابىر ماقۇللاندى.
يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋاز قويغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە، مىسىردا پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇ-يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كۈرەشنىڭ يەنە بىر قېتىم باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتىكى مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، دىننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان پارتىيەلەر بىر بولسا مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىكتە باستۇرۇلۇشى، بىر بولسا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇپ، نۇرغۇن ئەسەبىي دىنىي ئامىللاردىن ۋاز كېچىشى كېرەك؛ مىسىردىكى ھۆرىيەتچىلەرمۇ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەشكە ئامالسىز، ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك ئارقا كۆرۈنۈشى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ئىشى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئىچكى ۋەزىيەتنى تىزگىنلەشتە، بۇندىن كېيىن مىسىر ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھەر قايسى ئورگانلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، مىسىر ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى سېسى مىسىر سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىن.

گەرچە نۇرغۇن ئوبزورلاردا مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى-مىسىرنىڭ كەلگۈسى سىياسىي ئويۇنىنىڭ يېڭى قائىدىسىنى تۈزۈپ بەردى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن مىسىرنىڭ ئالاھىدە تارىخىدىن قارىغاندا، ئاساسىي قانۇن مىسىر سىياسىي مۇساپىسىدا كۆپ ھاللاردا بىر زىننەت بۇيۇمى بولۇپ قالىدۇ، ھەر قانداق يېڭى سىياسىي كۈچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ھامان، كۆپ ھاللاردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەسلىدىكى ئاساسىي قانۇن سىستېمىسىنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن لوگىكىسىنى تۇرغۇزىدۇ. شۇڭا مىسىر ئاساسىي قانۇنىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان مىسىر چوڭ سايلىمىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، ئىشقىلىپ مىسىرنىڭ رېئاللىقىدا، ئەمەلىي كۈچلا قانۇن نەزەرىيەسىنىڭ مۇتلەق ئەڭ چوڭ ئاساسى بولىدۇ.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا