بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 22-يانۋار شۋېيتسارىيەدە سۇرىيە خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ يىغىندا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ سۇرىيە توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىشكە دەۋەت قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتىچىلەر تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە سۆھبەتلىشىدۇ.
سۈرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پەقەت سۇرىيە خەلقىلا ئاندىن پرېزىدېنت باشارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىيەلەيدۇ. كۆپچىلىك دۇنيادا بىر پرېزىدېنت ياكى بىر ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى بىكار قىلىدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىدۇ، سۇرىيە خەلقىلا مۇشۇنداق قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
لېكىن ئۆكتىچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنىڭ باش كاتىپى شۋېيتسارىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئەگەر باشار تەختتىن چۈشمىسە، بىز باشقا ھېچقانداق لايىھەنى قوبۇل قىلمايمىز.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 22-يانۋار 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇرىيە پرېزىدېنتى باشار ھەرقانداق شەكىلدە يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە كىرەلمەيدۇ.
كېررى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: باشار ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولمايدۇ، ھەرگىز بولمايدۇ، بىز ئۆزى دۆلىتى خەلقىگە ۋەھشىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلامچىلىق قىلغان كىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش قانۇنلۇقلىقىغا قايتا ئېرىشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.
بىراق ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى سۇرىيە مىليونلىغان ئۆچمەنلىك ئىدىيەسى تارقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى ئېغىرلاشتۇرغان زوراۋان ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى پۇت تىرەپ تۇرۇش بازىسى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 22-يانۋار مۇنداق دېدى: سۈرىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشى ئاسان ئەمەس، بۇنى بىر كۈندىلا تۈگەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن تىنچلىق سۆھبىتى تارىخىي پۇرسەت.
ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىگىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ يەنە سۇرىيە كىرىزىسى باشقا دۆلەتلەرگە ئۈزلۈكسىز يامراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
سۈرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى 22-يانۋار تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىش ھارپىسىدا مۇنداق دېدى: سۇرىيە پرېزىدېنتى باشارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق رول ئوينىشى- سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدىكى تۆۋەن چەك.
ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقى بولغان ئەرەب سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شۋېيتسارىيەنىڭ مونترىۋېكىسقا يېتىپ بېرىپ تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئالدىدا مۇنداق دېگەن: پرېزىدېنت ۋە ھاكىمىيەت مەسىلىسى بىز ۋە سۇرىيە خەلقىنىڭ تۆۋەن چېكى، ھېچكىم پرېزىدېنتقا چېقىلسا بولمايدۇ.
سۈرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم 22-يانۋار 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنىدا ئۆكتىچىلەرنى خائىن، چەتئەللەرنىڭ ئىشپىيونى، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلار ئۆزلىرىنى سۇرىيە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىمىز دەيدۇ. ئەگەر سۇرىيە خەلقىنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلىشنى ئۈمىد قىلسا، سۇرىيە خەلقىگە خائىنلىق قىلماسلىقى ئىشپىيون، سۇرىيە خەلقىنىڭ دۈشمەنلىرىگە ياللانماسلىقى لازىم.
مۇئەللىم يەنە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىنى سۆكتى، چۈنكى كېررىي يىغىندا سۆز قىلىپ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ھۆكۈمىتىدە باشارنىڭ ئورنى بولمايدۇ، دېدى. مۇئەللىم مۇنداق دېدى: سۇرىيە خەلقىدىن باشقا، دۇنيادا سۇرىيە پرېزىدېنتى، ئاساسىي قانۇنى ياكى قانۇننىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تارتىۋېلىشقا ھېچقانداق كىشىنىڭ ھوقۇقى يوق.
باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا 22-يانۋار سۇرىيە دائىرىلىرىنىڭ تىنچلىق يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساجى: سۇرىيە دائىرىلىرى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى ئىجابىي پىلانلىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلدى، دېدى.
كېرىمىل سارىيى ئاخبارات ئىدارىسى 21-يانۋار مۇنداق دېدى: رۇسىيە پرېزىدېنتى پوتىن بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تېلېفونلىشىپ، 22-يانۋار شىۋېيتسارىيەنىڭ مونتېرىۋىسىدا ئېچىلىدىغان سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە 2-قېتىملىق تىنچلىق يىغىنىنى مۇزاكىرە قىلدى.
بۇ قېتىمقى تېلېفونلىشىش ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بولدى، رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى: بۇ قېتىمقى تېلېفونلىشىش ھەقىقىي، ئەمەلىي بولدى، مول ئىجابىي تەكلىپلەر بېرىلدى، دېدى.
سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنىغا قاتنىشىدىغان رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر ئەربابى 21-يانۋار مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: رۇسىيە ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىمۇ 24-يانۋار باشلىنىدىغان سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆزلىشىشىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ ئەرباب مۇنداق دېدى: 1-نۆۋەتلىك سۆزلىشىش 7 كۈندىن 10 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، ئاندىن كېيىن بىر مەھەل دەپ ئېلىنىپ، داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.