لاتۋىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى 22-يانۋار پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللاندى ھەمدە قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى لايمۇدوتا سىتىرويۇما يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى بولدى.
بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت لاتۋىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئايال باش مىنىستىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھۆكۈمەت بولۇپ، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىتتىپاقى قاتارلىق تۆت سىياسىي گۇرۇھ بىرلىكتە تەشكىللىدى. سىتورويۇما 1951-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 2011- يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرى بولغان.