
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 15-دېكابر خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سىرتىدا 12-ئاينىڭ 13-كۈنى يۇقىرىغا ئەرز قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى ۋە باشقا چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمەت مېدىيەلىرى بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلمىغان.
ئەمما فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى نولان باركخائۇس (Nolan Barkhouse):«بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپتۇق، ئەلچىخانا بىخەتەرلىك سىياسىتىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارغا باھا بەرمەيمىز» دېگەن.
فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تور بېتى شاڭخەيدىن خەۋەر بېرىشىچە، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر تەخمىنەن 50 ياش ئەتراپىدىكى بىر ئەرنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 ئەتراپىدا، پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغان مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، «ئۆزۈڭلارنى چەتكە ئېلىڭلار» دەپ ۋارقىرىغاندىن كېيىن، بوتۇلكىغا ئوت يېقىپ پارتلاتقانلىقىنى، ئەرنىڭ نەق مەيداندا يارىدار بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، پارتلاش ئورنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا بېجىرىش ئورنىنىڭ دەرۋازىسىغا تەخمىنەن 1~2 مېتىر كېلىدىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە، نۇرغۇن ئامما ۋىزا بېجىرىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پارتلاشتىن كېيىن بىر مەھەل مالىمان بولۇپ كەتكەن.
پارتلاش قاتتىق بولمىغانلىقتىن، ئەلچىخانا مۇھاپىزەتچىلىرى سېرىق ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى ئارقىلىق يارىدار بىلەن پارتلاش نەق مەيدانىنى ئايرىۋەتكەن. نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يارىدار ساقچىلارغا ئەرزنامىسىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنى ئېلىپ كەتكەن. ساقچىلار نەق مەيداننى قامال قىلىپ، سۈرەتكە تارتىپ ئىسپات ئالغان، باشقىلارنىڭ سۈرەتكە تارتىشىنى چەكلىگەن.
تەرجىمىدە: نەپرەت