
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-دېكابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭ لىۋان-ئىسرائىلىيە چېگرىسىدا لىۋان ئارمىيىسىنىڭ مەرگىنى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا دېيىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئەسكىرى ئىسرائىلىيە-لىۋان چېگرىسىدىكى ناقوراغا يېقىن جايدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، مەرگەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى رەسىمىي جەزىملەشتۈرگەن. ئەسكەرگە نەق مەيداندا داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، ئەمما يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكىرىگە ھۇجۇم قىلغان مەرگەن لىۋان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىمىغا بۇ ۋەقەدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لىۋان ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، لىۋان ئارمىيىسى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە چېگرا قاراۋۇلخانىسىنىڭ يېنىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە ئوق چىقارغان. ئەمما بەزى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە لىۋان ئارمىيىسىنىڭ ئوق چىقارمىغانلىقى دېيىلگەن.
ب د ت نىڭ لىۋاندا ۋاقىتلىق تۇرۇش قىسىمىنىڭ باياناتچىسى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا دەۋەت قىلغان.