بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 16-دېكابر خەۋىرى: ئېرلاندىيەلىك داڭلىق سەنئەتكار پېتىر ئوتۇل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
پېتىر ئوتۇل (Peter O'Toole) نۇرغۇن داڭلىق كىنولارنى ئىشلىگەن، ۋەكىللىك كىنوسى 1962-يىلدىكى «ئەرەبنىڭ لاۋرېنىسى» (Lawrence of Arabia) بولۇپ، بۇ كىنو ئۇنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتقان.
پېتىر 1970-يىلى راك كېسىلى بولغان، ئەمما داۋالىنىپ ساقايغان.
دىرېكتورى كېننىسنىڭ دېيىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت كېسەل بولۇپ ياتقان، 12-ئاينىڭ 14-كۈنى لوندوندىكى دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان. ئۇ باياناتىدا:«ئائىلىسىدىكىلەر پېتىرنىڭ كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ دوختۇرخانىدا خاتىرجەم ئۇ دۇنياغا كەتتى» دېگەن.
پېتىر ئوتۇل 1932-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان، تۇغۇلغان جايى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، پېتىر ئۆزىمۇ جەزىملەشتۈرەلمىگەن، 20-ئەسىردىكى داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ بىرى. 8 قېتىم ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئەمما ھەر قېتىم ئېرىشەلمىگەن، 2003-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ 2006-يىلى «ۋىناس» ناملىق كىنونى ئىشلەشكە قاتناشقان.