ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 15-دېكابر خەۋىرى: ئۆكتىچى پارتىيە ئىسلام جامائىتى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئابدۇل قادىر موللىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، 12-ئاينىڭ 14-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك زوراۋانلىق يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 6 ئادەم ئۆلگەن.
بېنگال ھۆكۈمىتى ئابدۇل قادىر موللىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام جامائىتى پارتىيىسىنى قوللىغۇچى ئامما ھۆكۈمەتكە ئېتىراز بىلدۈرگەن، توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 6 ئادەم ئۆلگەن، نەچچە ئادەم يارىدار بولغان.
ساقچىلار كومپانىيگانج (Companyganj) بازىرىدا 3 نامايىشچىنى ئېتىۋەتكەن. باشقا 3 نامايىشچى شىمالدىكى رامگانج (Ramganj) بازىرىدا نامايىشتا ئېتىپ تاشلانغان.
يەرلىك ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئىسلام جامائىتى پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھۆكۈمەت بىناسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ھەمدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئولتۇرغان ماشىنا ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان.
تەرجىمىدە: نەپرەت