
شياڭگاڭ مىڭپاۋ گېزىتى يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، گەرچە جۇڭگو ئاۋىئاماتكا ئەترىتى بۇ قېتىم سېنكاكۇ ئارىلى ئەتىراپىدىكى دېڭىز رايونىغا كىرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە يەنىلا ئىنتايىن جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ، ھەر ۋاقىت جۇڭگو ئاۋىئاماتكا ئەترىتىنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلغان.
جۇڭگو ئارمىيىسى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكا تەيۋەن دېڭىز بوغۇزىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالدىن بېكىتكەن مەشىقنى باشلىغان. ئامېرىكا، ياپونىيە رازۋېتكا ئايروپىلانى يول بويى ئەگىشىپ ماڭغاچقا مەشىق ئەمەلىي ئۇرۇش تۈسىنى ئالغان. خەۋەردە بۇنداق ئۆزلىگىدىن كېلىدىغان پۇرسەت ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، دېيلگەن.
مەزكۇر خادىم سۆز قىلىپ، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا لياۋنىڭ ناملىق پاراخوتنى رازۋېتكا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن دېڭىز، ھاۋا كۈچلىرىنى توغرا بايقىغانلىقىنى، ئوكىناۋادىكى كادېنا بازىسىدىن ئۇچقان كۆپلىگەن P-3C تىپلىق سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى رازۋېتكا ئايروپىلانى، RC-135 تىپلىق ئىستراتېگىيىلىك رازۋېتكا ئايروپىلانى ۋە ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكىدىن قوزغالغان FA-18E تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، گۇئامدىن قوزغالغان ئامېرىكا لوس ئانگلېس رازۋېتكا سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭمۇ قوشنا دېڭىز رايونىدا بايقالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جۇڭگو پاراخوتىنىڭ ئېلېكتىر سىگنالى ئۇچۇرىنى توپلىغانلىقىنى ئېيتقان.
نۆۋەتتە، ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپى بىلەن ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئون نەچچە پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوت ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئوكىناۋا دېڭىزىدا بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.
يەر شارى ۋاقىتلىق گېزىتى ئىشەنچلىك يوللاردىن ئىگىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكا پورتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تەيۋەندە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋە شەخسىي يوللار ئارقىلىق تەيبېي ھۆكۈمىتى ۋە تەيبېي ئارمىيىسى بىلەن يېقىنلىشىپ ئۆز-ئارا نازارەت تورى شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. بىراق تەيبېي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ نازارەت قىلىش كۈچىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ رەت قىلغان.