ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

مىسىر نامايىشچى زاتلانى قولغا ئالدى

ۋاقتى : 2013-11-28  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-نويابىر خەۋىرى: مىسىر مىدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىردا يېقىندا يېڭى نامايىش قانۇنى ئېلان قىلىپ، مەمىلكەتتىكى نامايىش دولقۇنىنى چەكلىگەنلىكى تالاش تارتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان. 27-نويابىر مىسىر پايتەختى قاھىرەدە يەنە نامايىش يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت نامايىشچىلار رەھبىرى ئەھمەد ماھىر بىلەب ئەلا ئابدۇلغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت 26-نويابىر قىسمەن نامايىشچىلار ئەترىتىنى تارقىتىۋەتكەن. بۇ نامايىش مىسىر ئارمىيسى قوللايدىغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇرۇش يولى دەپ قارالغان.
    7-ئاينىڭ 3-كۈنى مىسىرنىڭ سابىق پېرىزدېنتى مۇرسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇرسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەن ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇپ، كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى پېرىزدېنتى مەنسۇر شۇ جاي ۋاقتى 24-نويابىر «نامايىش قانۇنى»نغا ئىمزا قويغان. بۇ قانۇندا بارلىق نامايىش ۋە نازازلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئالدى بىلەن ئىچكى سىياسىي ئىشلار تارماقلىرىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، ئىچكى سىياسىي ئىشلار تارماقلىرىنىڭ رەت قىلىش ھوقوقى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
    مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى بەبلاۋى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشقا قارىتا، قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن. ئەڭ ئاخىرقى قانۇننىڭ چىقىرىلىشى نامايىشچىلارغا «بولۇشقا تېگىشلىك ھوقوق»لارنى بەرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ھۆكۈمەتتىن ئىجازەت ئېلىشنى ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىش ئىكەن.
    يېڭى نامايىش قانۇنىغا ئاساسەن، قولغا ئېلىنغان ئىككى نامايىشچى تۆت كۈن تۇتۇپ تۇرىلىدىكەن. تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېيىشىچە، قولغا ئېلىنغان ئىككى نامايىشچى نامايىشچىلارنى ئېتىراز بىلدۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان بولۇپ، بۇ قىلمىش قانۇنغا خىلاپ ئىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا