
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى 29-نويابىر خەۋىرى: كېنىيە پۈتۈنلەي يېڭى تۆمۈر يولنى رەسمىي ياساپ چىقىدىغان بولۇپ، شەرقىي ئافرىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ سۇدان، كونگو جۇمھۇرىيىتى ۋە بۇرۇندىغا بارىدىكەن. بۇ تۆمۈر يولغا جۇڭگو مەبلەغ ياردىمى قىلغان.
BBC خەۋەر قىلىشىچە، تۇنجى باسقۇچلۇق تۆمۈر يول مومباسانى پايتەخت نايروبىغا تۇتاشتۇردىكەن، ئەسلىدىكى ماشىنىدا ماڭسا 15 سائەتلىك مۇساپە تەخمىنەن تۆت سائەت قىسقىرايدىكەن.

بۇ كېنىيە مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئاساسىي ئەسلىھە تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
تۆمۈر يولنىڭ تەننەرخى 5 مىليارد 200 مىليون دوللار بولۇپ، جۇڭگو ئاساسلىق مەبلەغ سالغان دۆلەت.
بەزى كېنىيەلىكلەر توختامغا خېرىدار چاقىرمىغان ئەھۋالدا جۇڭگو دۆلەت كارخانىسى جۇڭگو لۇچياۋ شىركىتىگە (CRBC) بېرىۋەتكەنلىكىگە نارازى بولغان.
كېنىيە پېرىزدېنتى ئۇخۇرۇ كېنياتتا (Uhuru Kenyatta) بىلەن جۇڭگو دۆلەت رەئىسى 2013-يىلى 8-ئايدا بۇ قۇرلۇشنى باشلاشقا قوشۇلغان.