ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

باڭلادىشتا ئۆكتىچى پارتىيەلەر نامايىش ئۆتكۈزدى

ۋاقتى : 2013-11-28  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

باڭلادىشتا ھۆكۈمەتنىڭ 5 – يانۋاردا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

06.jpg

ئۆكتىچىلەر كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆـكۈزدى. چوڭ يوللار ۋە تۆمۈر يوللىرىمۇ قاتناشتىن توختاپ كەتتى. نامايىش جەريانىدىكى توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 7 گە چىقتى.

ئۆكتىچى پارتىيەلەر سايلامدىن ئىلگىرى باش مىنىستىر شەيخ ھاسىنانىڭ ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى ۋە دۆلەتنى سايلامغا ئېلىپ كېرەلىگۈدەك تەرەپسىز بىر باسقۇرۇش مېخانىزىمىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئۆكتىچىلەر رەھبىرى خالىدە زىيا، ئەگەر شەيخ ھاسىنا ئىستېپا بەرمىسە سايلامنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالماقتا.

باش مىنىستىر شەيخ ھاسىنا بولسا، «ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغا ھېلە ئشلىتىلىدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سايلامنىڭ ۋاقتى 5 – يانۋار ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۆكتىچىلەر پۈتۈن قاتناش ساھەسى بويىچە 48 سائەتلىك ئىش تاشلاش نامايىشىنى باشلىدى.

ئىشتاشلىغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلار ۋە ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ساقچىلار ئۆكتىچىلەرنىڭ تۆمۈر يولىنى بومبا بىلەن پارتىلىتىپ، بۇزغۇنلچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بەزى شەھەرلەردە پويىز ۋاگۇنلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.

تېز سۈرئەتلىك قاتناش يوللىرىغىمۇ نۇرغۇن ساندا توساقلار قۇرۇلغان بولغاچقا قاتناش ئاساسەن دېگۈدەك توختاپ قالدى.

باڭلادىشتا سايلام ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار يۈزىسىدىن ئۆتكەن ھەپتىمۇ 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا