ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى داۋاملىق ھۇجۇم قىلسا، ئافغانىستان بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىمايدۇ

ۋاقتى : 2013-11-29  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 29-نويابر خەۋىرى: ئافغانىستان ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانىنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئەگەر داۋاملىق ھۇجۇم قىلسا، ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ھەمىد كارازاي 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ھەمدە 11-ئاينىڭ 28-كۈنى 2 ياشلىق بىر بالىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
كارزاي باياناتىدا دېيىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن ھېلماند ئۆلكىسىدىكى بىر تۇرالغۇغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، بىر بالىنىڭ ئۆلىشى ۋە 2 ئايالنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھېلماند ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد نائىم بۇ ئۇچۇرنى كارزايغا يەتكۈزگەن.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە باياناتچىسى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن. ئامېرىكىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ مەسىلىلەرنى خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ جاۋاب بېرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
يېقىندا، پرېزىدېنت كارزاي نەچچە مىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 2014-يىلدىن كېيىن داۋاملىق ئافغانىستاندا تۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىمىدى. ئۇ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلغان ئەيىبلەش ئۇنىڭ پىلاننى رەت قىلىش ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا