
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-نويابىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زارف 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېيتىشىچە، تېھران بىلەن ئەنقەرە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۇرىيەنىڭ 1-ئايدىكى تىنچلىق سۆھبىتىدىن بۇرۇن ئۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن كېيىن، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زارف بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنىدىن بۇرۇن پۈتۈن كۈچى بىلەن توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زارفنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران بىلەن تۈركىيە نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئوخشاش كۆز قاراشقا ئىگە بولۇپ، ئىران ۋە تۈركىيە سۇرىيە كرزىسى ھەربىي ئىشلار ئارقىلىق ھەل قىلىنسا بولمايدۇ، دەپ قارايدىكەن. زارف سۆز قىلىپ، 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنىدىن بۇرۇن، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشتا بىرلىككە كېلىپ، سۈرىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىنى، بۇنداق قىلغاندا 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
زارف بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان.
ئىران سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى، لېكىن تۈركىيە ئۆكتىچىلەرنى قەتئىي قوللايدۇ.
زارف بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ سۇرىيەگە تۇتقان مەيدانى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار ئىختىلاپلارنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى، ئەڭ مۇھىمى سۇرىيە ئۇرۇشىنى توختىتىپ، سىياسىي ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
زارف يەنە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىراننىڭ بەشار ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئىران سىياسىتىنىڭ «رايون ئىچىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدىغان» سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
كۆپ قېتىملىق كېچىكتۈرۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئىلتىماس قىلغان 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنى ئاخىرى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىگە بېكىتىلگەن بولۇپ، ئىران قوشۇمچە شەرت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق سۈرىيە ئۆكتچىلىرى ئىراننىڭ قاتنىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان.