ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

مىسىر سوتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ 14 ئايال ئەزاسىغا قاماق جازاسى بەردى

ۋاقتى : 2013-11-28  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم


    جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-نويابىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى دەپ ئاتىۋالغان 14 ئايالغا 11 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ھەمدە يېڭى تۈزۈلگەن قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى چەكلەش قانۇنىغا قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان ئىككى نامايىشچىغا قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان.

    سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسكەندەرىيە سوت مەھكىمىسى ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى دەپ ئاتىۋالغان مەزكۇر 14 ئايالنى «تېررورلۇق تەشكىلات» نىڭ ئەزاسى دەپ قاراپ جىنايەت بېكىتىكەن. ئۇلار تۈرمىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. مەزكۇر سوت مەھكىمىسى يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى دەپ قارىغان 6 ئەرنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
    سوتلاشقا قاتناشتۇرۇلمىغان ئەھۋالدا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ئەرلەرنىڭ جىنايىتى بولسا، يۇقىرىقى 14 ئايالنى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى سابىق پرېزىدېنت مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا نۇقتىلىق يولنى قامال قىلىشقا كۈشكۈرتۈش ئىكەن.
    مىسىر ھۆكۈمەت مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سوتلانغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە قۇرامىغان يەتمىگەن 7 قىز بولۇپ، ئۇلار ياش –ئۆسمۈرلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن.
    مەزكۇر سوتلاش مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشتىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىيات بولۇپ، بۇ قېتىملىق چەكلەش ھەرىكىتى ۋە مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، يەنە نەچچە مىڭ ئادەم قولغا ئېلىنغان.
    11-ئاينىڭ 24-كۈنى، مىسىر پرېزىدېنتى مەنسۇر «قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى چەكلەش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ، مىسىردىكى قارشىلىق كۆرسىتىش دولقۇنىنى چەكلەشنى ئۈمىد قىلغان. بىراق، مەزكۇر قانۇننىڭ ئىمزالىنىشى يېڭى بىر قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، مىسىر ساقچىلىرى يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش گازى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى تارقىتىشقا مەجبۇر بولغان.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا