ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف يادرو مۇزاكىرىلىرى ئۈستىدە توختالدى

ۋاقتى : 2013-11-28  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان يادرو مۇزاكىرىلىرى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان كېلىشىم ئۈستىدە توختالدى

08.jpg

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان يادرو مۇزاكىرىلىرى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان كېلىشىم ئۈستىدە توختالدى.

كېلىشىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىران خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئىززەت-ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

زارىف يادرو مۇزاكىرىلىرى مۇساپىسىدە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ باشتىن-ئاخىر ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كېلىشىمدە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان زارىف، مۇزاكىرىلەرگە ۋە ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى .

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىف ئۇران قويۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ بىر دۆلەتنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا بۇ پائالىيەتلىرىنى ئادداقىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئىراننىڭ يادرو قويۇقلاندۇرۇش خىزمەتلىرىنى قىسمەت بولسىمۇ توختىتىشىنى ۋە خەلقئارانىڭ نازارىتىگە ئوچۇق تۇتۇشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

غەرب دۆلەتلىرى بولسا يىللاردىن بۇيان ئىرانغا قارىتىۋاتقان ئېمبارگولىرىنى 6 ئاي بويىچە يېنىكلىتىدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا