ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرى

ۋاقتى : 2013-11-29  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم


    خەلق تورى ئۈرۈمچى 29-نويابىر خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى گۇچۇڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يۆنىلىشتە (داخۇاڭشەندىن فۇكاڭغىچە بولغان يۆنىلىشتىكى 584 كىلومېتىرلىق ئورۇندا) تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن، ئەڭ يىراق بولغاندىمۇ 10 مېتىرلىق دائىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، 17 ماشىنا ئارقىمۇ-ئارقا سوقۇشۇپ 2 ئادەم قازا قىلىپ 5 ئادەم يارىلانغان، قىسمەن ماشىنىلار يول ئۇلىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەن ياكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن، كۆپلىگەن كىشىلەر قاپسىلىپ قالغان، ئىككى ماشىنىغا ئوت كەتكەن.

    مۇخبىر خەۋەر بەرگىچە بولغان ئارىلىقتا، تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قوش يۆنىلىشلىك قامال قىلىنغان.
    ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 5 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە جەمئىي 4 ئورۇندا ماشىنىلار ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ، 2 ئادەم قازا قىلىپ 5 ئادەم يارىلانغان، 17 ماشىنا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. ئوت كەتكەن ئىككى چوڭ يۈك ماشىنىسىدىكى ئوت ئۆچۈرۈلۈپ، قاپسىلىپ قالغان ئىككى ئادەم ئوت مۇداپىئە خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزىۋېلىنغان.

     ۋەقە بىرقەدەر ئېغىر بولغاچقا، نۆۋەتتە نەق مەيداندا قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.
    مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى، سانجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي شىنجاڭدىكى تەڭرىتېغىنى بويلىغان كۆپ قىسىم رايونلاردا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن.
    ھازىرغىچە، شىمالىي شىنجاڭدىكى تەڭرىتېغىنى بويلىغان كۆپ قىسىم رايونلارنى يەنىلا تۇمان قاپلاپ تۇرماقتا.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا