
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى 26-نويابىر خەۋىرى: ياپونىيە ئىچكى كابىنېت ئەمەلدارى يوشىخىدې سۇگا 26-نويابىر توكيودا ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئاسىيا قىتئەسى ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىۋان مېدېروس بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ياپونىيە ئامېرىكا ھەمكارلىشىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئەسى رايونى تەسىس قىلغانلىقىغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يوشىخىدې سۇگا:«جۇڭگو بىر تەرەپلىمە ھالدا شەرقىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىسە، بەلكىم يەرلىك دېڭىز ھاۋا تەۋەسىدە ئويلىمىغان ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك قىلمىش. بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن.
مېدېروسمۇ جاۋاپ بېرىپ:«ئامېرىكىمۇ دىققەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ياپونىيە بىلەن داۋاملىق قۇيۇق ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانى جۇڭگونىڭ ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا خىرىس قىلدى

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 27-نويابر خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئىككى B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانى جۇڭگونىڭ ھاۋا مۇداپىئە رايونى بەلگىلىمىسىگە بويىچە ئىش كۆرمەي، شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئاراللار ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن.
BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو 11-ئاينىڭ 23-كۈنى شەرقىي دېڭىزدىكى ھاۋا مۇداپىئە رايونىنى ئايرىپ چىققانلىقىنى رەسىمىي جاكارلىغان ھەمدە مەزكۇر ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا كىرگەن ئايروپىلانلارنىڭ چوقۇم بەلگىلىمىگە بوي سۇنۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، بومباردىمانچى ئايروپىلانلار نورمال ئۇچۇش تەرتىپىگە ئەمەل قىلغان.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى ستېۋىن ۋاررېن (Steven Warren) ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ياپونىيە ۋە جۇڭگو ئىگىلىك ھوقۇق جاكارلىغان ئاراللارنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، نورمال ئۇچۇش تەرتىپىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ ئۇچۇش پىلانى تاپشۇرماسلىق، ئالدىن سىمسىز تېلېگراف ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئالاقىلاشماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بەلگىلىمىگە پىسەنت قىلمىغان ھەر قانداق ئادەم «جىددىي مۇداپىئە تەدبىرى» گە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋاررېن پولكوۋنىك:«بىز سېنكاكۇ ئاراللىرىدا بۇ قېتىمقى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدۇق» دېگەن، ئۇ يەنە ھازىرغا قەدەر جۇڭگونىڭ بۇ ئىشقا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە تولۇقلاپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ قورال ئېلىپ ئۇچمىغانلىقىنى، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى گۇئام ئارىلىدىن ئۇچقانلىقىنى، سېنكاكۇ ئاراللىرى ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇشنىڭ نورمال ئۇچۇش مەشىقىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ھاۋا مۇداپىئە رايونى ئايرىش بەلگىلىمىسىگە بوي سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ھاۋا مۇداپىئە رايونى ئايرىش قىلمىشى رايون مۇقىملىقىغا پايدىسىز دەپ قارىغان.