ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ زەربىسىدە، گرېتسىيە ھۆكۈمىتى قوللانغان مالىيىنى قىسقارتىش سىياسىتى خەلق ئىچىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، گرېتسىيە ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ قاتتىق زەربىسىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، قىسمەن گرېتسىيىلىكلەر ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىغان ئايلىق 700 ياۋرو (تەخمىنەن 5770 يۈەن) ئالاھىدە تولۇقلىمىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەتتا قەستەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىنمۇ يانمايۋاتىدۇ، دېگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا، گرېتسىيە ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر مەزگىل 2007-يىلىدىن 2009-يىلغىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتتىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈنەرلىك ئېشىپ باردى، ئارقىدىن داۋاملىق ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى، دېيىلگەن. ياۋروپا جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، يېڭى كېسەللىك ئەھۋالى 2010-يىلىدىكى 22دىن 2011-يىلىغا بارغاندا 245گە يېتىپ قالدى، دېگەن. تەتقىقاتتا يەنە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك كىشى ئۆزى ئىختىيارەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دېيىلگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گرېتسىيىدە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەر ئايدا دۆلەت تارقاتقان 700 ياۋرو ئالاھىدە تولۇقلىمىغا ئېرىشەلەيدىكەن، يەنە ھەقسىز دورا بىلەن داۋالاش تۈرىگە قاتنىشالايدىكەن. بۇ يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، گرېتسىيە بىر قىسىم خارابلاشقان رايونلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان ئوكۇل بىلەن داۋالاش پونكىتى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئوكۇل ئارقىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان شۇنداقلا نامسىز بىر قىسىم مەلۇماتلارنى تەمىنلىگەن زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ ئاز مىقداردىكى تولۇقلىمىغا ئېرىشەلەيدۇ.
بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دوكلاتىدا گرېتسىيە نېرۋا ساغلاملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ 2011-يىللىق دوكلاتىدىكى مەزمۇنلار نەقىل قىلىنىپ: «بىر قىسىم زەھەر چەككۈچىلەر ھەر ئىككى ئايدا 1400 ياۋروغا يېقىن تولۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ، بەلكىم ئۇلار قەستەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، بۇنداق قىياسنىڭ ئاساسى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر دۆلەتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ بارغان، 2007-يىلدىن 2009-يىلغىچە %17 ئاشقان، 2010-يىلى يەنە %25 ئاشقان، 2011-يىلى بولسا مۇشۇ ئاساستا %40 ئاشقان.» دېيىلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مەسلىھەتچىسى، بۇنىڭغا ئوخشاش ئوكۇل سېلىش پونكىت تۈرى گېرمانىيە، گوللاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتماقتا، يۇقۇملانغۇچىلار ئېرىشكەن تولۇقلىمىنى كۈندىلىك تازىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىق زەھەرسىز بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتمەكتە، بۇ ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىپ، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق، دېگەن.