
بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ سابىق رەھبىرى ئۆركەش 11-ئاينىڭ 25-كۈنى شىياڭگاڭ ئايروپورتىدىن كىرىپ، شىياڭگاڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى قولغا ئېلىشىنى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، شىياڭگاڭ دائىرلىرى ئۆركەشنىڭ ساياھەت ۋىزىسى يوقلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنى تەيۋەنگە قايتۇرۇۋەتكەن.
لىياڭ جېنيىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى مەمۇرىيەت يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، مۇخبىرلار ئۆركەشنىڭ 25-نويابر تەيۋەندىن ئايروپىلان بىلەن شىياڭگاڭغا كېلىپ دېلو مەلۇم قىلغاندا، رەت قىلىنىپ تەيۋەنگە قايتۇرۇلغانلىق ئىشىنى سورىغان. لىياڭ جېنيىڭ شىياڭگاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن سىياسەت بويىچە ئىش بېجىرگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئايرىم دېلوغا ئايرىم باھا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.