-
تور ئېلانلىرىنىڭ ئۆلچىمى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-14
پېقىر تور بەتلەردىكى كىچىككىنە رەسىملەرنىڭ سېھرىي كۈچى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانغا ئاز–كەم 3 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە تور بەت ۋە بلوگلارغا ھەقسىز تۇغ تەمىنلەش ۋە تور بەت ھۆسىن تۈزەش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. تور بەتكە تۇغ ۋە پلاكات ياساش ھەۋەسكارلىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شەخسىي لاھىيە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى يۈزلىنىش، بىراق بۇ لاھىيەلەردە ئەڭ ئاۋالقى ئۆلچەم تۇغ رەسىملىرىنىڭ چوڭ– كىچىكلىك ئۆلچىمى ئاز بولمىغان بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. بۇ بىزنىڭ بەزى تۇغ لاھىيە رەسىملىرىنى ئورتاق قوللىنىشىمىزغا ۋە ئېلانچىلىق ئىشلىرىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرىشىمىزغا بىر قىسىم توسقۇنلۇقلار ئېلىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلار تەمىنلەنگەن . تور بەتلەردىكى تۇغ رەسىملىرىنىڭ ئۆلچىمى ئاللىبۇرۇن خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆز تور بېتىگە ئېلان قويغان تور بەتلەر، بولۇپمۇ ئۇلىنىش تور بەتلىرىنىڭ ئامال بار مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىشىنى، ھەم شۇ ئارقىلىق تور بەتلەرنىڭ سۈپىتى، ئېچىلىش سۈرئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.