-
ۋاقىتقا نالە - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-07
م.ئە.سەبورى
شىۋىرلايسەن ئۇيغۇدا ياتسام،
ئۆيۈمگە بىر كېلىپ كەت دېدىڭ.
ئىشىكىڭنى بىر ھازا قاقسام،
چىقىپ مېنى راسا تىللىدىڭ. -
يىغلىۋالسام دەيمەن قانغۇچە - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-05
م.ئە.سەبورى
مەن ئازابلانغان شۇ كېچە ،
سەنلا ھەمراھ مىسكىن روھىمغا .
سۆيگۈمنىڭ يىرتىلغان ۋارىقى ،
يۇغۇرۇلغان پىنھان تۇيغۇمغا . -
تارىخ - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-05
م.ئە.سەبورى
ئۆتمۈش ئۈچۈن يازىمەن شېئىر،
يالغان تارىخ قىلما خىيانەت.
بەخىت يولىدا كۈتىمەن پىكىر،
مەڭگۈ ھەمراھ بولغىن دىيانەت. -
«رەنجىمە (بۇ ناخشىغا ئامراق بولۇپ قالدىم)» - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-03-03
ئادەمنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى ئۇچرىشىشىدىلا ئامراق بولۇپ قالىدىغان ۋە قايتا– قايتىلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسىمۇ زېرىكمەيدىغان نەرسىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. ئىلگىرىمۇ بۇنداق نەرسىلەر ۋە ئادەملەر بولغان ،لېكىن ئۇ چاغدا بلوگ يازمىغاچقا ئايرىم خاتىرلەپ قويۇشنى ئويلىمىغان، بۈگۈن نىمىشقىكىن سەلكىندىكى تور تۇرالارنى ئارىلاۋىتىپ «رەنجىمە» ناملىق بۇ ناخشىنى بىر ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەم قايتا– قايتا ياندۇرۇپ ئاڭلاپ كەتتىم. ناخشا تېكىستى ئاددى بولسىمۇ، لېكىن مۇزىكىدىكى سېھرى كۈچ ۋە ناخشىنى ئورۇنلاش سەنئىتى ماڭا ئۇزاق مەزگىل يوقىتىپ قويۇپ ئىزدەپ تېپىۋالغان تونۇش بىر نەرسەمنى قايتا ئۇچراتقاندەك تۇيغۇغا ئەكېلىپ قويدى.
-
مەن گۇناھكار - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-03
م.ئە.سەبورى
مەن گۇناھكار بىر ئىنسان ،
ئىپلاسلىقىم ئۆزۈمگە ئايان،
بەخىتنى ئىزدىمەك بولۇپ ،
يوللىرىم داۋامدۇر قايانغېرىپسىنغان گۇناھكار روھىم ،
قاغجىرىغان ئاجىزە غورۇر .
ئەرنىڭ ئەمەس شەيتاننىڭ ،
سەسكىن پۇراقلىرىغا ،
شۇنچە ئەسىر . . .
سەپسالمىدىم بىر قۇر. -
كىرىپ قاپسەن ئانا چۈشۈمگە - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-02-25
م.ئە.سەبورى
غېرىبسىنىپ كىشى يۇرتىدا،
كۆڭۈل بېغىم تاشلىدى ياپراق.
دەرت– ھەسرەتكە مىلىنىپ يۈرەك،
چوقان سالدى كۆتۈرۈپ بايراق. -
توغرا يول - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-02-24
م.ئە.سەبورى
ئەڭ توغرا نەرسە ھامان بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە. ئىنسان يارىتىلغاندا ئۇنىڭ ھاياتلىق قانۇنىيتى بىللە يارىتىلىپ بولۇنغان. بۇ دۇنيادىكى نىسىۋەڭنى ئۇنتۇما. دۇنيا ھالاۋىتىدىن قەلبى غاپىللىقتا قالغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنسانىيەت تىنچلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى دەل بىزنىڭ ھەققانىي يولىمىزدۇر.
– خاتىرەمدىنتۈنلىرى بىئۇيقۇ خىيالغا پېتىپ،
ھاياتقا تۈگىمەس سوئاللار قويدۇم.
گۈمبەزلەر تىزىلغان لەھەتكە قاراپ،
غەشلىكتىن ئۈمىدنىڭ يولىنى تۇتتۇم. -
ئەقىدە - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-02-23
م.ئە.سەبورى
سەن كىم ئۈچۈن ياشىغان بۇرۇن،
باش– كۆزۈڭنى مىلەپسەن قانغا.
قۇتۇلدۇرساڭ ئۆزۈڭنى مەندىن،
تەستىق ساڭا، ئۇرۇلسۇن تامغا. -
سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلغايسىز - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-02
شۇنداق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ كۇرمىڭلىغان سەۋەبىي بولىدۇ، بىراق ئەڭ مۇھىمى ساغلام بەدەن بولۇشتۇر. ھازىرقى سودا جەمئىيتىدە رىقابەت تېزلىك تالىشىدۇ، ئەقىل – پاراسەت، ئىقتىدار تالىشىدۇ، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ساغلاملىق ۋە كۈچ– قۇۋۋەت. ساغلاملىق ۋە كۈچ– قۇۋۋەت بولمىغىنىدا سىزنىڭ ھەرقانچە ئەقىللىق كاللىڭىز بولغاندىمۇ پايدىسى يوق. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تەن ساغلاملىقىدىن ئايرىلغان ئادەم داۋاملىق روھىي كەيپىيات جەھەتتىكى ساغلاملىقىنىمۇ دېگەندەك تەڭپۇڭلۇققا ئىگە قىلالمايدۇ، زەنجىرسىمان رېئاكسىيەلەر ئىنسان ھاياتىغا بىر تۇتاش يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ .
ئەمەلىيەتتە، بارلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى داھىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىيدىكى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە تەن ساغلاملىقنى ئاسراشقا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، زېھنى قۇۋۋىتىمۇ باشقا كىشىلەردىن تولۇپ تاشقان ھالەتتە بولۇپ، تەبئىي ھالدىلا ئادەتتىكى ئادەملەر قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ .
... ...
-
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى100مەشھۇر ئەسەر - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-01-31
ئىز : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئويغانغان زېمىن : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
قۇم باسقان شەھەر : مەمتىمىن ھوشۇر
ئىزدىنىش : زوردۇن سابىر
مەھمۇد قەشقەرى : پەرھاد جىلان
ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە : خېۋىر تۆمۈر
قانلىق يەر : مەمتىمىن توختايوپ
سۇتۇق بۇغراخان : سەيپىددىن ئەزىزى
بۆرە ئانا : توختى ئايۇپ
لېيىغان بۇلاق : جالالىدىن بەھرام
ئۇنتۇلغان كىشىلەر : ئەخەت تۇردى
داغ : ئەبەيدۇللا ئىبراھىم