<<  ئەقىدە | باش بەت | كىرىپ قاپسەن ئانا چۈشۈمگە  >>
  • توغرا يول - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]

    2009-02-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35660884.html


    م.ئە.سەبورى

    ئەڭ توغرا نەرسە ھامان بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە. ئىنسان يارىتىلغاندا ئۇنىڭ ھاياتلىق قانۇنىيتى بىللە يارىتىلىپ بولۇنغان. بۇ دۇنيادىكى نىسىۋەڭنى ئۇنتۇما. دۇنيا ھالاۋىتىدىن قەلبى غاپىللىقتا قالغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنسانىيەت تىنچلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى دەل بىزنىڭ ھەققانىي يولىمىزدۇر.
    – خاتىرەمدىن

    تۈنلىرى بىئۇيقۇ خىيالغا پېتىپ،
    ھاياتقا تۈگىمەس سوئاللار قويدۇم.
    گۈمبەزلەر تىزىلغان لەھەتكە قاراپ،
    غەشلىكتىن ئۈمىدنىڭ يولىنى تۇتتۇم.

    ئەجەلنىڭ نۆۋىتى كىملەرگە كەلدى،
    شۇم خەۋەر باتۇرنى قايتۇرالمايدۇ.
    سۆيگۈنىڭ تۇلپارى ئەركىن بولغاچقا،
    ھەقىقەت ھەۋەسنى قايتۇرالمايدۇ.

    قانۇنىي ئالەمدە قانۇنلۇق ئادەم،
    تەكەببۇر ئەيلىمەي ياشىمىقى تەس،
    قەدىمىي بوستاندا سۈرسىمۇ دەۋران،
    مەسخىرە تۈگىمەس، جاھان كۆرەلمەس.

    ئاي يۈزلۈك جاناننىڭ مەستخۇش پۇرىقى،
    سەن ئۈچۈن ھاياتقا مۇقام سازلايدۇ.
    قامىتىڭ سايە بوپ چۈشسە كۆكسىگە.
    نالىلىق يېشىڭغا كىملەر قارايدۇ؟!

    نازۇك تەبەسسۇم ئىسسىتقان شۇدەم،
    بىناۋا كۆڭۈلنى، پىنھان خىيالنى.
    زەرشەپەق بەختىدىن رەڭگىم قىپقىزىل،
    قىبلىگە قاراتتۇق گۇناھلىق يۈزنى.

    تەبىئەت ھۆسنىدە چاقنار گۈزەللىك،
    چولپان نۇرىدىن ئۈمىدلەر يانار.
    جەۋلانۇ بىر ئېقىم دىلدىن كەچكەندە،
    سۇبھىدىن گۇگۇمغا ئىلتىجا قانار.

    2006.يىلى 25 .يانۋار غەربىي جەنۇبىي تارىم نېفىت


    收藏到:Del.icio.us





Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • مەن دىمەكچى 版权声明。。。。。
    دىگەن خەتنى چىقمايدىغان قىلىپ يوشۇرۇپ قويمامسىز دىمەكچى ئىدىم .
    م.ئە.سەبۇرى回复toghrayol说:
    ھە . ئۇ شۇنداق ياخشى گەپلەر ئىكەنغۇ. ئۇسلۇبقىمۇ بىر قۇرلا لىق كەپتۇ. تۇرىۋەرمىسۇنمۇ.
    2009-03-03 16:02:31
  • مىنىڭ بلوگىمغا ئاتاپ يازدىڭىزمۇ نىمە!؟
    تىما ئۈستىدىكى خەنزۇچە خەتنى ئۆچۈرۋەتمەمسىز؟
    ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم .
    م.ئە.سەبۇرى回复toghrayol说:
    كۆپ رەھمەت.
    قايسى خەتنى ئۆچۈرىۋېتىڭ دىگىنىڭىزنى بىلمىدىم.
    2009-03-03 15:54:47
  • بەك كۆپ ئىشلانى ئويلامسىز قانداق؟
    م.ئە.سەبۇرى回复hatire说:
    قانداق دەيسىز؟
    بۇ بىر ئۇيغۇرچە تارىخى روماننى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتىم ئاساسىدا يېزىلغان شېئىر ئىدى.
    2009-02-25 13:46:07