• يۇقىرىقى ئەھۋال بويىچە ئېيىتقاندا باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ تۇرۇپ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش بىر ياخشى ئىش، بۇنىڭ بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەن تور بەتنىڭ قىممىتى ئېشىپلا قالماي، ياخشى ماقالىلەردىن كۆپچىلىك ئورتاق پايدىلىنىدۇ، بۇ ھەم شۇ ماقالە يوللانغان ئەسلى تور بەت ئۈچۈن باشقا ئورۇنلاردا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ. بىراق ماقالە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتمەي تۇرۇپ ماقالىنى كۆچۈرۈش يالغۇز بىر تور بەتنىڭ خەلىقئارادىكى ئۇچۇر ئامبىرىدا قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، بىزدىكى تورچىلىقنىڭ ساپاسىنى چۈشۈرۈپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئېغىر ئەخلاق كىرزىسى پەيدا قىلماي قالمايدۇ.

  • «كۆۋرۈك مەسىلىسى» بىر تەرەپلىمە ھىسسىي سوئال : يەنە بايىقى پويىز كېلىۋاتىدۇ ، سىز پەقەت ھەمراھىڭىزنى كۆۋرۈكتىن ئىتتىرىۋېتىپ ، ئۇنىڭ سېمىز بەدىنى ئارقىلىق پويىزنى توسۇپ قالغىنىڭىزدىلا ، رېلىستا ياتقان بەش ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالالايسىز ، سىز شۇنداق قىلامسىز ؟ سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىي «ياق »دەپ جاۋاپ بەرگەن . سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرگەندە ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى توقۇنۇشقا مەسئۇل قىسمىنىڭ مۇناسىپ جانلىنىپ ، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ مېڭىسىدە مەلۇم ھېسسىياتنىڭ ئىدراك بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇۋاتقانلىقىنى ھەم ئاخىرىدا ئىدراكتىن غالىب كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن .
    گرېننىڭ قارىشىچە ، بۇ خىل ھېسسىيات دەل ئەخلاقنىڭ مەنبەسى ئىكەن . «كۆۋرۈك مەسلىسىدە »دە ، ئىدراكنىڭ قارارى (سېمىز ھەمراھىنى ئىتتىرىۋېتىش) ئىنسانلارنىڭ تۇغما تەبئىيتىگە بىۋاسىتە خىلاپلىلق قىلغان (ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ)، شۇڭا سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلار غەيرىي ئىدراك ئۇسۇلىنى تاللاپ ، ئەخلاقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە يول قويغان .