-
(بىلىۋال) تور بېتىدىن «سيدنېيدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ تاقالدى» دېگەن خاتا ئۇچۇرنى كۆرۈپ، بۇ ھەقتە توغرا ئۇچۇر يوللاشنى قارار قىلدىم. ئەسلى ئەھۋال مۇنداق: سيدنېيدا ئاران چوڭ - كىچىك 170 ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇ يەردە ئەزەلدىن ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ بولغان ئەمەس. ئەمما ھۆكۈمەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ: ئائۇسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ بالا سانى 10 دىن ئاشسا ئانا تىل مەكتىپى ئاچسا بولىدۇ. ھوكۇمەت ھەربىر مىللەتنىڭ ئوز مەدەنىيىتىنى ئوز ئانا تىلى ئارقىلىق قوغدىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ...
-
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-19
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى.
قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى، جېنى.مىنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس-تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن. چۈنكى ئۇ مىنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم.
... ...بۇ تېما پەلسەپە بلوگى(http://palsapa.blogbus.com) باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېلىندى، ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://palsapa.blogbus.com/logs/35379901.html#cmt
-
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-07
تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى خاتىرلەش پائالىيتى ئېچىلىش مۇراسىمى، ئاۋسترالىيە، سېدنىي، 2006.يىلى 19.فېۋرال
-
ئوكيانۇس ئۇيغۇرتىل قامۇسى - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]
2009-02-02