•  ئىمتاھاننىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىش ئىقتىدارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىلدىن – يىلغا كۈچەيتىلىپ مېڭىۋاتىدۇ .

    ئىمتاھان سوئال شەكلى ئاساسلىق يېزىقچىلىق ، ئاڭلاش ، ئوقۇشلۇق ، گىرامماتىكا ، تەرجىمە قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە چىقىرىلىدىغان بولۇپ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بولغان ئېنگىلىزتىلى ئاساسىنى تەلەپ قىلىدۇ .

    تۆۋەندە مۇشۇ ئىمتاھانغا ئاخىرقى قېتىملىق تەييارلىق قىلىشتا پايدىلىق دەپ قارالغان ماتېرىياللار (بۇ قېتىملىق ئاساسلىق ئىمتاھان نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش) ئىمتاھانغا ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەندى ، شۇنى ئاۋۋال ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى ، بۇ ئىمتاھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بىزگە نىسبەتەن يالغۇز دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى خەلىقئارادىمۇ خەنزۇتىلى ئۆگېنىشنىڭ مۇھىملىقى ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ(ئۇيغۇرتىلى ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.) . تۆۋەنكى تەمىنلەنگەن ماتېرىياللار خەنزۇچە بولۇپ ، ئەسلى  تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويۇشنى ئويلىغان ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىسلىقى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنىڭ جىددىيلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بىۋاستە ئۇلانما ئادرېسىنى يوللاپ قويدۇم .