ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ كونا-يېڭى ئەزىز مىھمانلىرى، بلوگىمىزنىڭ يېڭى نەشىرىگە مەرھابا، خۇش كەپسىلەر! ناۋادا بۇ سىزنىڭ بلوگىمىز يېڭى نەشىرىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنى نورمال زىيارەت قىلالىغاندىن سېرت يوللانغان تېمىلار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىڭىزنى كەڭ-كۇشادە بىرەلەيسىز! رەھمەت!!!
يولدىشىدىن ئەيدىز يۇقتۇرغان مۇسۇلمان قىزنىڭ ھېكايىسى:
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2010-05-28
نېمىشقا تېۋىپلار ھە دېسە باھنى قۇۋۋەتلەشنى دەسمايە قىلىۋالىدۇ؟
ئەرلەر نېمىشقا لاتىلىشىپ كەتتى؟ كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى نېمىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى؟
80خالتا دۇكىنىدىكى خاتىرىلەر (4)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2010-05-26
كىتابى، نەزىرىيىۋى بىلىم -ئۇچۇرلارنى كىتابلاردىن كۆرۈۋىلىشقا قالدۇردۇم.
قارايدىغان بولساق تېبابەت دورا دەستۇرلىرىدا خاتىرلەنگەن دورا ئەشيالار ئەتراپىمىزدا تولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن بىر قىز ئانىسىنىڭ "بەلۋاغسىمان قوقاق " كېسەللىكى ئۈچۈن تېبابەت دورىسىدىن ئەۋەتىپ بىرىشىنى ئېيتقاندا بىر قانچە خىل مۇرەككەپ دورا بىلەن ئۇنىڭغا قوشۇپ سېرتىدىن چاپىدىغانغا سېمىز ئوت ئىزدەپ ئېتىز بويلىرىغا چىقتىم. گەرچە ئىلگىرى دىيارىمىزدىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپلىكىنى بىلسەممۇ بۇ قېتىم ھەيرانلىقتا باشقىچە نەزەر سالدىم؛
سېمىز ئوت، سېرىق ئوت، سۈتلۈك ئوت، پاقا يوپۇرمىقى، ۋاڭ ئۇرۇقى، ئىت ئۈزۈمى، قېرىق بوغۇم، مامىكاپ، قېزىل بۇغداش، لويلا، ئاق لەيلى، رەيھان، زاراڭزا، ھەشىقپىچەك، زېرە، بەدىيان، قېزىلگۈل، يالپۇز، پىننە، جېگدە، ئاپتاپپەلەس، كاكىنەچ، زېغىر، سەۋزە، چامغۇر، شوخلا......... ئىزدىسەملا تاپقىلى بولىدىغان دورىلىق مېۋىلەردىن: بىھى، ئانار، ئۈرۈك، ياڭاق، بادام، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئۈجمە.....ساناپ تۈگۈتۈپ بولالمىغۇدەك نىئمەت-شىپالىق گىياھلار ئەتراپىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ.
80خالتا دۇكىندىكى كۈندۈلۈك خاتىرىلەر (2)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-03
بىرسى چوڭ ياشلىق يەنە بىرسى ياشراق بولغان ئىككى يولداش دۇكانغا كىرىپ دورا-دەرمەك ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى بىرەر قۇر كۆرگىلى تۇردى. مەن دەسلاپتا ئۇلارنى خەنزۇچە بىلگەندىكىن مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرىشىنى كۆرۈپ ئوقىۋاتىدۇ دەپ بەك ئىرەڭ قىلىپ كەتمەپتىمەن. ياشراق كەلگەن بىرسى كۆكنۇر شىركىتى ئىشلىگەن شىپايى كالتىسىي تابلىتىغا قىزىقىپ قالدى بولغاي يىنىمغا كىلىپ بۇ دورىنىڭ قانداق خۇسۇسىيتى بارلىقىنى خەنزۇچىنى ئاجايىپ بۇزۇپ كۆرىيانچىغا مايىل ھالدا تەلەپپۇز قىلىپ سورىدى. بىر مۇنچە گەپ قىلىۋەتكەن بولسىمۇ ھېچقانچە چۈشۈنەلمەي گاراڭ ھالدا قاراپلا تۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنگىلىزچە جاۋاپ قايتۇرۇپ ئۇنىڭ نېمە مەزمۇندا گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشۈنەلمىگەنلىكىمنى ئېيتقاندىن كىيىن ئۇمۇ ئىنگىلىزچە سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ياپۇنيەدە نەشىر قىلىنىدىغان مەشھۇر بىر تېببى ژورنالدا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ھەققىدە يىزىلغان بىر پارچە ماقالىنى ئوقىغان بولۇپ ئۇنىڭدىكى بەزى قاراشلارغا قايىل بولۇپ قاپتىكەن.
ئەمدى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر دوكتۇر تەتقىقاتچى خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چاي دورا-دەرمەك ئىچىش ئادىتىنىڭ سالامەتلىككە ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەن قىلىشقان پاراڭلىرىنى يوللايمەن.
خوتەنگە سەپەر (خوتەن ھەققىدە خاتىرىلەر)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02
ئامرىكىدا شۆھرەت قازانغان « شۆھرەت مۇتەللىپ »، « ئەركىن سىدىق » ، « رېشات ئابباس » قاتارلىق دۇنياۋى ئالىملىرىمىزدىن ھەر ۋاقىت پەخىرلىنىش ، سۆيۈنۈش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ ئۇلار دىيارىمىزغا كەلگەن پەيتلەردە دىدارلىشىشقا پۇرسەت بولمىدى. خەيرىيەت، مانا بۈگۈن ئامرىكا ئالى ئوقۇللاردا فىزىكا ساھەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان دوستىمىز تۇرسۇنجان ( Jeck بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ) خوتەنگە قايتىپ يېڭى بىر ھاياتنى باشلىماقچى - توي قىلغىلىۋېتىپتۇ. بۇ ئاغىينىمىزنىڭمۇ نامى چىقىپ مەشھۇرلاردىن بولۇپ بولغۇچە تويىغا تەكلىپ قىلغان مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشۇش ، توي خۇشاللىق دەقىقىلىرىنى بىرگە قۇتلۇقلاش ئۈچۈن خوتەندە 2-3 كۈنلۈك ( 6-ئاينىڭ 6-7-8-كۈنلىرى ) سەپەردە بولۇپ قالىدىغان بولدۇم. خوتەنگە بارمىغىلىمۇ بىرەر يىلدىن ئىشىپتۇ. تېبابەت يۇرتى ، قاشتىشى، گىلەم ، يېپەك - ئەتلەس ماكانى نامى بىلەن مەشھۇرخوتەن دىيارىنى 2 - يۇرتۇم دېسەممۇ بولىدۇ. تېبابەت كەسپىنى ئۈگەتكەن ئۇستازىم، ھەمساۋاق ئاغىينىلىرىم بىلەن شۇنداق كۆڭۈللۈك ياشىغان ئىدىم. خوتەننىڭ تۇزىنى يېگەن ، يورۇڭقاش، قاراقاش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن، چۈمۈلگەن. خوتەندىكى بۇرادەرلەرنىڭ ئاغىينىدارچىلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلغان. ئۇلارغا ھۆرمىتىم ۋە تەشەككۈرۈم بار. خوتەنلىكلەرنىڭ تەبئىتىدىكى مىھرىبانلىققا تولغان تولىمۇ ئاددا-ساددا ، تۈز مېجەزىنى ، ھېچ مۇددىئاسىز قىرىنداشلىق يەتكۈزىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى، جاھىل ئۆز سۆزلىكىنى سېغىندىم.
خوتەن ئاجايىپ سىر ھېكمەتكە تويۇنغان شەھىدانە يۇرت. بۇ يەردە كىشىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك ئىستىدات ئىگىلىرىدىن قەدىمدە پەلسەپە ، ئىلىم - ئىرپان ئوچىقى ھېسابلانغان يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن ئەپلاتونغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر ھۆكىما ، « 312 ماددىلىق دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى » نى تۈزۈپ ئىنسانىيەت دورىگەرلىك تارىخىغا ئۇل - ئاساس سالغان غازى باينى تېلغا ئالساق
يېقىنقى زامانغا تەۋە ئالىم -ھۆكۈمالاردىن ئىمام ئالاھىدىن خوتەنى، جامالىددىن ئاقسارايى، ھىندىستان تېببى ئۇنۋېرسىتىتلىرى ۋە دۆلەتلىك دوختۇرخانىلىرىدا كاتتا ئىززەت - ئىكرام بىلەن تېبابەتتىن دەرىس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنغان ، ئىلىمدە كامالەت تاپقان ، خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولغان ، ئىنسانىيلىقنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى ياراتقان ئۇستازلىرىمىزدىن مەنسۇر ھاجى، تۇدى ھاجى ، ئەمەتھاجى، ئابلىمىت يۈسۈپ ھاجى...بىز ئىسمىنى ئاتاشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان شۇ قەدەر كۆپ كاتتىلار ياشاپ ئۆتكەن ئەزىز دىيار بولشىغا قارىماي كۈنىمىزگىچە جاھالەت ، نادانلىققا پېتىپ ياشاۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەستۇر.
خەتكۈش: خوتەن
ھويلا-ئاراملىرىڭىزغا قانداق گۈللەرنى تېرىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-01
مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
ئىزدىنىش مۇنبىرىدە << بۇ يىل نېمە تېرىشنى ئويلاۋاتىسىز ؟ >> دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ دىھقانلىرىمىزنىڭ كىرىم مەنبەسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ھەققىدە تورداشلار ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى، مەنمۇ ئۆز نۆۋېتىدە ئۇيغۇر تېبابەت ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ھەققىدىكى چالا خىياللىرىمنى ئوتتۇرغا تاشلىغان ئىدىم. زىيارەتچىلىرىمىزنى كۆرۈپ پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم.
دېھقانلىرىمىز دىيارىمىزنىڭ تۇپرىقىغا ماس كىلىدىغان، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان دورا -ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. بۇ يىلقى بازار باھاسىنى بىر نېمە دېمەك تەس بولسىمۇ ئۈمۈد يەنىلا زور، مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا جەنۇبىي ئوتتۇر جوڭگۇدىكى نۇرغۇن دىھقانلار دورا ماتىرياللىرنى تېرىپ كۆپلەپ پايدا ئىلىۋېتىپتۇ. دىيارىمىزنىڭ تۇپراق، ھاۋا كىلىماتى كۆپلىگەن دورا-ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ماس كىلىدۇ ھەم بازاردىكى ئىھتىياجمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. چۈچۈكبۇيا يېلتىزى، زېرە، قىزىل گۈل....دېگەندەك بەزى دورا ماتېرياللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەۋاتىدۇ.
مەشھۇرلار ھەققىدە <<غەيۋەتلەر>>
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-01
مۇھەممەد تۇرسۇن(بىرزات)
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯛﻣﭽﻪ ﺧﯩﻠﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯗﻛﻜﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﻮﺭ ﺋﻪﻛﯩﺮﺳﻪﻡ، ﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ، ﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺗﻮﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ -ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﺯﯗﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻤﻪﻥ. ﺗﻮﺭ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻢ ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺋﯧﺴﻰ ﻳﻮﻕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﺭ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻢ ﻳﻮﻗﺎﭘﻼ ﻛﯧﺘﺘﻰ، ﺗﻮﺭﻏﯩﻤﯘ ﻛﯚﺯﻯ ﺗﻮﻳﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﻛﯧﺸﻰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ، ﻏﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
80خالتا دۇكىنىدىكى خاتىرىلەر 3 ( ئىنگىلىز تېلى ئۈگەنگەننىڭ پايدىسى)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30
كونا بويۇملارنى يېغىپ ساقلاپ ساتقۇچى دۇكاندار قوشنام بىر تال كونا تەخسىسىگە كۆزى چۈشكەن ئامرىكىلىق ساياھەتچىگە گېپىنى ئۇقتۇرالماي ، ئۇكام بىر ياردەم قىلغان بولسىلا، دەسلاپ قىلمىغىلى خىلى كۈنلەر بولاپ كەتتى... مۇشۇ تەخسىنى بولسىمۇ ساتساق بولاتتى دەپ دۇكانغا يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ. خوشنا تۇرۇپ سالام -سەھىتىنىڭ تايىنى يوق بىر ئادەم ئىدى. ئىرىنچەكلىك بىلەن ئۇنىڭ دۇكىنىغا چىقتىم. ئۇ ساياھەتچى بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ئىككى ئوتتۇردا تەرجىمانلىق قىلىپ سودىسىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم. ئۇ ساياھەتچى ئۇ تەخسىنىڭ قانچىنجى يىللارغا تەۋە بويۇم ئىكەنلىكىنى، ئۇنى سىتىۋالغاندىن كىيىن ئىنگىلىزچە ئىسپات يىزىپ تامغا بىسىپ بىرەلەيدىغان، بىرەلمەيدىغانلىقىنى سوراپ ئۇنداق قىلىپ بىرەلمىسەك ئۇنى سىتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ok دېدىم. شۇنىڭ بىلەن سودا پۈتۈپ بىر تال تەخسىنى 300 ئامرىكا دوللىرىغا ساتتۇق. كىيىن ئاڭلىسام 60 يۈئەنلىك تەخسە ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن قوشنامنىڭ سالام - سەھىتى باشقىچە بولۇپ كەتتى.
سەكسەن خالتا دۇككىندىكى كۈندىلىك خاتىرىلەر(1)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30
مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)
ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯘﺭ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﯜﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ، ﺋﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ ﺳﯚﺯﺳﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﻪﯞﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﯧﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯛﻡ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻻ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ - ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ -ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯘﺯﯗﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.