دۇكىنىمىزدىكى شىپالىق ئېسىل ھەسەل تۈرلىرى [80خالتا مەھسۇلاتلىرى]



80خالتا دۇكىنىمىزدا ھەسەل ھەرىسى ئۆزى تەبئىي گۈل-چېچەكلەردەن پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان، ئادەملەرنىڭ <<قولى >> تەگمىگەن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆنىكىدە ياخشى پىشىپ چىققان ئېسىل ھەسەللەر بار. ھەر ۋاقىت ساغلاملىقىڭىزنى ئاسىراپ، چىرايىڭىزنى نۇرلۇق، روھىڭىزنى تېتىك تۇتۇشنى خالىسىڭىز ئىشەنچلىك ساپ ھەسەللىرىمىزدىن ئىچىپ قويۇڭ! يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.
بۇ يىلقى ئېسىل ھەسەللىرىمىزدىن:

ساپ ھەسەللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش، ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ھەم ئوزۇقلۇق مىنىرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، چىرايىنى نۇرلۇق قىلىپ كەيپىياتنى تىتكلەشتۈرىدىغان  بولسىمۇ چېچەك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. داۋاملىق ھەسەل ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.
تۆۋەندە دۇكىنىمىزدىكى ھەسەل تۈرلىرى تونۇشتۇرلىدۇ:



100% ساپ جىگدە چېچىگى ھەسىلى؛ بىر قانچە يىللىق ئەمەلىي تەجىربىمىزدىن قارىغاندا جېگدە چېچىگى ھەسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەت تەركىبى يۇقۇرى بولۇپ ئاساسلىقى بۆرەك، ئاشقازان، بالياتقۇ سوۋۇپ كېتىشتىن بولغان ئاجىزلىقلار، نېرۋا ئاجىزلىقى ، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ. (بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ)
بادام-ئالما چېچىگى ئارلاشما ھەسىلى؛ يۈرەك، مېڭىگە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىق، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئاشقازان- ئۆپكە ، جىگەر خىزمىتى ئاجىزلاشقان، قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولغان چىرايى نۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئېسىل ئوزۇقلىقى بولىدۇ. (بالىلاردىكى يۆتەل، ئىشتىھاسىزلىق ئۈچۈنمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ)
قۇۋۋەت دورىلىق ئۆسۈمۈلك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان ئالىي ھەسەل؛ (ئىنشائاللا، يەنە 15 كۈندىن كىيىن كۆنەكتىن ئىلىنىدۇ، ئۇنىڭغىچە زاكاس قوبۇل قىلىمىز).
ھەسەل ھەرىنى يايلىتىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن كۆرە ئەمەلىي تەجىربىمىزگە قارىغاندا بۇ ھەسەل: ئومومىي بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغان كىشىلەر: دىئابىت كېسەللىرى، بۆرەك، نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىش،  ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىشتىن بولغان ئادەت مىقدارى ئازلاپ كېتىش، قەۋزىيەت، چىرايى نۇرسىز بولۇش قاتارلىقلار؛ زېققە قاتارلىق نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار؛ مېڭە ئاجىزلىقتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتىغاقلىق قاتارلىقلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئېسىل ئوزۇقلۇق بولالايدۇ.
يانتاق چېچىگى، قېچا چېچىگى، چىلان چېچىگى، پەلەس چېچىگى ھەسىلى قاتارلىقلار كىيىن ئايرىم تونۇشتۇرلىدۇ.
دۇكىنىمىزدا تەييار قىلىنغان مەھسۇلاتلار تېزىملىكى ھەم تونۇشتۇرلىشى
80خالتا كېرەك چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى
مەنزىلىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787  ، 15309982787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)


[Birzat بۇنى 2010-06-16 04:07 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: 80خالتا، ھەسەل، ھەسەل
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماixki[2010-09-23 03:14 PM | del]
بەك ياخشىكەن
回复قايتۇرماروفىنە[2010-07-23 05:22 PM | del]
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم!
مەن توي قىلغىلى 2يىل بولاي دېدى.لېكىن بالايوق،دوختىۇرخانىغا بارساق يولدىشىمنىڭ ئۇرۇقىنى ئاجىز دەيدۇ.ئۇنڭغا داۋالىنىڭ دىسەم تېغى ۋاقىتى ئەمەس دەپ ئۇنىمايۋاتىدۇ.بۇ كىسەلگە پايدىلىق ئاددىي رېستىپلار بارمىدۇ؟ا
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.