ھەرىكەت ۋە جىنسىيەت  [تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق]


دائىم ھەركەت قىلىشنىڭ جىنسىيەتكە پايدىسى بارمۇ-يوق؟ كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەركەت ھەم ئىللىق، ھەم قانۇنىيەتلىك بولغان <<شىپالىق دورا>> ھېسابلىنىدۇ،چۈنكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ياخشى بەدەن -قىياپەت ۋە جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋەتنى ساقلىغان كىشىلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى جانلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، ھەركەت قىلمايدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا جىنسىي ئالاقە قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپ بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا زىيادە خۇشال بولۇپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى زورلاپ، زىيادە چارچاپ كەتكۈدەك قىلىنغان ھەركەت ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىشى مومكىن. بەدەن چىنىقتۇرۇشتا تەرتىپلىك بولۇپ ئىزچىللىقنى ساقلىغان، مۇۋاپىق پەيتتە ئۆزىنى توختىتىۋالغان ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، زورلاپ زىيادە ھەركەت قىلغان ئادەمنىڭ جىنسىي ھەۋىسى كۆپۈنچە ھاللاردا تۆۋەن بولىدۇ. ئىلگىركى تېۋىپ-ھۆكۈمالىرىمىزنىڭ قارىشىچە جىنسىيەتكە زەرەر يەتكۈزىدىغان ئىشلار:
ئۇزۇن ۋاقىت پىيادە يول يۈرۈش، مۇنچىدا ئۇزۇن يۇيۇنۇش، ئاچچىق نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، سۈيدۈكنى تەخىر قىلىش (ۋاقتىدا ھاجەتكە بارماسلىق)، يېنى يېتىپ ياكى ئۆرە تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، كۆپ ۋاقىت ئۇسسۇز قىلىش...قاتارلىقلاردۇر. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك ھەركەت قىلىش بەدەننىڭ تېستوستېرون مىقدارىنى ئازايتىپ ، جىنسىي ھەۋەسنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ. ئۇنداقتا ھەركەت قانچىلىك دەرىجىدە بولغاندا بەدەندىكى تېستوستېرون مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟ باشقىچە ئېيتقاندا ھەركەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چېكى قانداق بولىشى كېرەك؟ مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا بىر ئادەمنىڭ بىر ھەپتىدىكى يۈگۈرىشى 200 مىل (تەخمىنەن 321 كىلومىتىر-كۈندىلىك يۈگۈرۈش 40 كىلومېتىر)غا يەتكەندە، بەدىنىدىكى تېستوستېروننىڭ (جىنسىي ھورمۇن) ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. ئەمما يەنە بىر تەتقىقاتچى دوختۇرنىڭ بايانىدا: ھەر ھەپتىدە 30 مىل( 48 كىلومېتىر-كۈندۈلۈك يۈگۈرۈش ئارىلىقى 7-6 كىلومېتىر)لا يۈگۈرگەندە ، ئۈنۈمى ئاجايىپ ياخشى بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ كۈچلۈك ھەركەت قىلىشلا جىنسىي تۇرمۇشقا پايدىلىق دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى مۇۋاپىق چەكتىن ئىشىپ كەتكەن ھامان، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە يېتىدىغان خىيىمخەتەر زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ-دە، سىزدىكى رومانتىك ھېسياتمۇ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن(بىرزات)



[Birzat بۇنى 2012-12-19 10:04 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھەرىكەت، جىنسىي،

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.