يولدىشىدىن ئەيدىز يۇقتۇرغان مۇسۇلمان قىزنىڭ ھېكايىسى:


تۆۋەندىكىسى ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىغا يوللانغان بىر سۆھبەت خاتىرسىگە يوللىغان ئىنكاسىم ئىدىم ، بلوگىمغىمۇ يوللاپ قويدۇم:

نېمىشقا تېۋىپلار ھە دېسە باھنى قۇۋۋەتلەشنى دەسمايە قىلىۋالىدۇ؟
ئەرلەر نېمىشقا لاتىلىشىپ كەتتى؟ كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى نېمىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى؟
مانا ماۋۇلار تېپىك رېئال مەسىلىلەر ئىكەن. دېمىسىمۇ بەزىلەرنىڭ جېگەر ، يۈرەك، قان-تومۇرلاردا مەسىلە خىلى ئېغىر بولسىمۇ ئاۋۋال شۇنى داۋالىماي بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغانغا بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ جان بىلەن ئوينىشىدۇ. ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئوينىۋېلىپ، جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ بولۇپ بېشىمغا نېمە كەلسە كۆرەي دەيدۇ.
يولدىشىدىن ئەيدىز يۇقتۇرغان مۇسۇلمان بىر قىزنىڭ ھېكايىسى:
مەن ئىسلامىي بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ پاكىز بىر موھىتتا چوڭ بولدۇم. دادام-ئاناملارنىڭ تەربىيسىدە دىنىي ئىلىملەردىن تەلىم ئىلىپ قارىيە  بولدۇم.  بالاغەتكە يېتىپ چوڭ بولدۇم. ئىلگىرى بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن، ئەيشى-ئىشرەتلىك زىنايى-زالالەتلەردىن، كۇفرى قىلىقلاردىن تەۋبە قىلىپ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بىر ئەرگە ياتلىق بولدۇم. توينىڭ دەسلىپىدە ئۇنىڭ ئىيمان-ئىتقادى، ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ياخشى ئىدى. سەل بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن يەنە بۇرۇنقى <<سەنەم>> گە دەسسەپ تالاغا قاترايدىغان بولىۋالدى. مىجەزى ئوساللىشىپ ئۇرۇشقاق بولۇپ كەتتى. مەينەتلىشىپ نامازنى تاشلىدى.  قانچە نەسىھەت قىلسام شۇنچە جاھىللىق قىلىپ ئۆز يولىنى تاپمىدى. شۇ ئارىلىقتا ئاللانىڭ بىرىشى بىلەن ھامىلدار بوپتىمەن. بۇنىڭدىن مەن قانچە خۇشال بولسام يولدىشىم تازا خۇشال ئەمەستەك كۆرۈندى. ئارىمىز نى كۈندىن -كۈنگە سوغۇقچىلىق چىرماشقا باشلىدى. ئاجرىشىپ كېتىدىغانمۇ بولدۇق. قورساقتىكى ھامىلە نەخ 5 ئايلىق بولغاندا يولدىشىم بالىنى ئالدۇرۋېتىشىمنى ئېيتىپ مەجبۇرى ھالدا دوختۇرغا ئىلىپ باردى. مەن ئاللاھتىن قورسىقىمدىكى بالامنى ئامان-ئىسەن قىلىشىنى تىلەپ يىغلاشتىن باشقا چارە قىلالمىدىم. ھامىلىنى ئىلىشتىن ئاۋۋالقى قان تەكشۈرۈشتە قېنىمدا ئەيدىز ۋېرۇسى بايقالدى. مېڭەمگە بىر ئاغرىق كىرىپ كەلدى. ئاللاھتىن سەبرى تىلىدىم. يولدىشىمنىڭمۇ قېنىنى تەكشۈرمەكچى بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىكەن . بالىنى ئالدۇرۇشتىن ئاۋۋال مۇتەخەسىس دوختۇرلارغا مەسلەھەت سالدىم. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بەزى بىر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قولانغاندا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئانا تېنىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋېلىش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن بولىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ بالىنى تۇغۇش يولىنى تاللاپ ئاللاھتىن سالامەتچىلىك تىلىدىم. ئىگىرى << ئاللاھ بەندىسىگە بىرەر كېسەل بەرسە شۇ بەندە سەبرى قىلسا ئۇنىڭ گۇناھلىرى دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلگەندەك تۆكۈلۈپ كېتىدۇ>> دېگەن ھەدىسنى ئوقۇپ شۇنداق دۇئا قىلغان ئىكەنمەن: ئى ئاللا ماڭا ئەڭ ئېغىر كېسەل ئاتا قىلسىلا، گۇناھلىرىمدىن پاك بولغان ھالدا ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرغايمەن!
ئاللاھ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغان بولسا كېرەك، پاسىق ئېرىمدىن بۇ كېسەللىك ماڭا يۇققان ئىدى.  بەك ئىچىنىپ، ئازابلىنىپمۇ كەتمىدىم. پەقەت ئىس-يادىم پەرزەنتىمنىڭ سالامەت تۇغۇلىشىدا ئىدى. ۋاقتىت-سائىتىم توشۇپ سالامەت يەڭگىۋالدىم.  ئاللاھقا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇنكى تەكشۈرۈشتىن بالامدا ھېچقانداق يۇقۇملىنىش ئالامىتى بايقالماپتۇ. بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن يولدۇشۇمنى چاقىرتقۇزۇپ ئوبدانراق بىر مۇڭدىشىپ باقماقچى بولدۇم. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بۇ كېسەللىككە سەبرى قىلىپ ئۆيىمىزنى چىرايلىق تۇتۇپ، مۇشۇ نارەسىدە پاك پەرزەنتىمىزنى دەپ بولسىمۇ  يارىشىپ قىلىشىمىزنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى: ئەمدى ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە قانچە ئايال بىلەن بىرگە بولالىسام ، جىنسىي ئىقتىدارىمدىن قالغۇچە، ھەتتا ئۆلگىچە ئوينىشىمنى ئوينايمەن دېگەن كۇفرانى سۆز بولدى. خەير دېدىم. ئۇنىڭ شۇ ھالىتىگە، زەئىپ ، مەينەتچىلىك بىسىپ كەتكەن روھىيتىگە، ئىبلىس چاڭگىلىغا ئىلىۋالغان پاسىق قەلبىگە ئىچىندىم.
مېنىڭ ھازىرقى ئارزۇيۇم كېسىلىمنى داۋالىتىش، بالامنى ياخشى تەربىيلەش، چىدامچان بەندە بولۇپ ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىدە ياشاشتىن ئىبارەت.
بۇ قىزنىڭ ھىكايىسىنى تېلفۇن تۇرۇپكىسىدا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ بوغۇزۇمدا شۇنداق بىر ئاچچىق پەيدا بولدىكى بىر ھازا نېمە سۆز ئېتىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.  ئىتقادىمىزدىكى، مۇسۇلمانچىلىقىمىزدىكى ساختىلىقلاردىن، جىنسىي ھەۋەس قوغلىشىپ ئىت-ئىشەك بولۇپ كېتىۋاتقان، مەسئۇلىيەتسىز ئەركەكلىرىمىزدىن قاتتىق نەپرەتلەندىم. شۇنداق ناكەسلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقان ئىيمان-ئىتقادلىق، پاك ئاچا-سېڭىللىرىمىزغا سەبرى تىلىدىم.
______ بىرزات



[Birzat بۇنى 2010-07-13 02:26 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 14 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمامۆلجەرى[2011-05-03 06:33 PM | del]
مەن سەفىيە خانىمغا ئاللادىن كۆپ سەبىرى تىلەيمەن
回复قايتۇرماale[2011-01-09 08:58 AM | del]
alla hammimizga yardam qe boisun
回复قايتۇرماsapiya[2010-12-08 05:36 PM | del]
مەن بۇ فىزنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ بەك ھىسداشلىق قىلغۇم كالدى ئاللا ئۇ قىزغا رەھمەت قىلسۇن كىسىلىگە شىپالىق بارسۇن
回复قايتۇرماMAHLIYA0903[2010-12-07 10:50 PM | del]
جىددى ياردەم ،سەفىيە خانىمنىڭ  تېلفۇن نومۇرى قانچىدۇر ،
回复قايتۇرماsefura[2010-08-21 01:58 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان مۇسلىمە قېرىندىشىمنىڭ ھىكايىسىنى ئوقۇپ ئاجايىپ بىئارام بولۇپ كەتتىم،كاللام قېيىپ بىردەم ھېچنەرسىنى ئويلىيالماي قالدىم...شۇ تاپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تەسەللى بەرگۈم كەلدى... ئاللاھ سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئاللاھ ئۇ قېرندىشىمىزغا سەبىر بەرسۇن، بالىسىنى سالامەت قىلسۇن ئامىن، ئۇنىڭغا داۋاملىق دۇئا قىلىمەن...
مەن بىزدىكى مەسلىلەر ،ئەۋج ئېلىۋاتقان يىرگىنىچلىك ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىرىنچىدىن ئىمانىمىزنىڭ سۇسلاپ كىتىۋاتقانلىقى،ئىككىنچىدىن مەسئۇلىيەتسىزلىكدىن دەپ قارىدىم.ئاللاھ ئەزىز ياراتقان جانلىرىمىزنى مەسئۇلىيەتسىزلىق قىلىپ خار قىلىمىز،ئۇنى ئاز دەپ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتلىرىغىمۇ شۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ،پەرۋاسىز بىر رەۋىشتە مۇئامىلە قىلىمىز...
بىرزات ئەپەندىم ،مەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ داۋالىنىش ئەھۋالىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئىدىم.ئۇ ياقتا داۋالاش ھەقسىزكەن،دارىمۇ بىرىدىكەن ئەمما ئۆز ئىقتىسادى بىلەن داۋالىنىپ ياخشىراق دارىلارنى ئىشلەتسە HIVنى كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلغىلى بولارمىكىن؟ئاشۇ ناراسىدە پەرزەنتنىڭ ئانا مېھرىگە ئۇزانراق قېنىۋېلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك،توردىن ئىزلەپ باقسام دارا ئارقىلىق كونتىرول قىلىپ خېلى ئۇزۇن ياشىغانلار ھەم ياشاۋاتقانلار باركەن.ئۆزەم سىرتتا تىببىگە ئالاقىدار كەسىپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچغا ئاز تولا ياردىمىم تىگەرمۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن،ھېچبولمىسا ياخشىراق دارا ئۇقۇشۇپ يەتكۈزۈپ بىرىش جەھەتتىن بولسىمۇ،سىلىدە بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئېلخەت ئادرىسى بارمىكىن؟مېنىڭكى sefura@live.cn.
回复قايتۇرماkompas0991[2010-08-04 11:03 PM | del]
توۋا دەيمەن ...
ھەركىم نېمە تېرىسا شۇنى ئالىدۇ .
回复قايتۇرماtabassum[2010-06-25 09:54 PM | del]
بەك ياخشى يېزلىپتۇ
回复قايتۇرماmihman[2010-06-22 09:29 PM | del]
سەفىيە خانىم بىرزات ئەپەندىنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپتۇ،
رەھمەت سەفىيە خانىم ماڭا ئېنىق بولمىغان بىر بىلىمنى ئۈگۈنۈۋالدىم سىزدىن،
ئەمما سىز ھامىلدار بولغان ئەيدىز بىمارىنىڭ ئەھۋالىنى دەپسىز،ئەمما بىمار ئەر بولسا ئايالغا تېخى يۇقمىغان ئەھۋالدا ھامىلدار بولسا ئايالغا يۇقۇش نىسبىتى قانچىلىك،بالىغىچۇ؟
回复قايتۇرماmihman[2010-06-22 09:27 PM | del]
سەفىيە خانىم بىرزات ئەپەندىنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپتۇ،رەھمەت سەفىيە خانىم ماڭا ئېنىق بولمىغان بىر بىلىمنى ئۈگۈنۈۋالدىم سىزدىن،
ئەمما سىز ھامىلدار بولغان ئەيدىز بىمارىنىڭ ئەھۋالىنى دەپسىز،ئەمما بىمار ئەر بولسا ئايالغا تېخى يۇقمىغان ئەھۋالدا ھامىلدار بولسا ئايالغا يۇقۇش نىسبىتى قانچىلىك،بالىغىچۇ؟
回复قايتۇرماanargul[2010-06-06 02:18 PM | del]
ئىسېت، شۇنداق ئەركەكلەرگە لەنەت.
回复قايتۇرماintilix[2010-06-02 10:54 AM | del]
ئاللا ھەممىمىزگە تەۋپىق ھىدايەت ئاتا قىلغاي.
回复قايتۇرماسەفىيە[2010-06-01 00:42 AM | del]
ئەيدىز بىمارىنىڭ ھامىلدار  بولۇپ تۇغۇش ، ئىمىتىش جەريانىدا ھامىلە ۋە بوۋاققا يۇقتۇرۇش نىسبىتى تەخمىنەن 30% . ئەگەر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلغان يەنى ۋىرۇسنىڭ تۆرەلمە ، ھامىلىگە يۇقۇشىنى توسقۇچى دورا ئوكۇللار ئىشلىتىلگەن  بولسا ئۇ نىسبەت تەخمىنەن 0.5% گە تۆۋەنلەيدۇ.
回复قايتۇرماmihman[2010-05-29 05:08 PM | del]
ئاللانىڭ رەھمىتى بۈيۈك بولمىسا ئەيدىز بار ئادەملەردىن سالامەت بالا تۇغۇلامدۇ ھە؟
مەن شۇ چاغقىچە ئەيدىز بىمارىدىن تۇغۇلغان بالا چوقۇم ئەيدىز تۇغۇلىدۇ ،بۇنداق بولۇش بىر نارەسىدە گۇناھسىز پەرزەنىتكە نىسبەتەن ئەجەپ بىر كەلگۈلۈك ئىكەن ،شۇڭا ئۇ ئىنسانلار نەپرەتكە تېخىمۇ قوشلاپ لايىق دەپ ئويلىغان.شۇڭا ئۇنداق كىشىلەر ھامىلدار بولسا قانداقلا بولمىسۇن بالىنى چوقۇم ئالدۇرىۋىتىشى كىرەك ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم بۇ تىمىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالدىم .
شۇڭا تەكلىپىم بىر زات ئەپەندىم سىز مۇشۇ تىمىدا يەنە بىر ئىزدىنىپ باقسىڭىز ،تىبابەتنىڭ قانۇنىيتىدا زادى قانداق؟تىمىدا سۆزلەنگىنى مۆجىزە خارەكتىرلىكمۇ ياكى بۇ بىر ئىمكانىيەتمۇ؟
بۇنىسى ئېنىق بولغاندا ئاللانىڭ رەھمەت ئىگىسىلىك سۈپىتىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇشىمىزغا كۆپ پايدىسى بولار ئىكەن.
ھەم دىنىمىزغا ھىسسىيات تەرەپدىنلا مۇئامىلە قىلماي بىلىم بىلەنمۇ مۇئامىلە قىلىشىمىزغا ياردەمدە بولغۇسى!!!!!!!!!!!!
回复قايتۇرماdilsiri[2010-05-28 07:59 PM | del]
بەك  ياخشى بوپتۇ    رەخمەت    ئەركەكلەر   ئوقۇپ  بىقەڭلار
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.