ھويلا-ئاراملىرىڭىزغا قانداق گۈللەرنى تېرىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟


                              
مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
ئىزدىنىش مۇنبىرىدە << بۇ يىل نېمە تېرىشنى ئويلاۋاتىسىز ؟ >> دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ دىھقانلىرىمىزنىڭ كىرىم مەنبەسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ھەققىدە تورداشلار ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى، مەنمۇ ئۆز نۆۋېتىدە ئۇيغۇر تېبابەت ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ھەققىدىكى چالا خىياللىرىمنى ئوتتۇرغا تاشلىغان ئىدىم.  زىيارەتچىلىرىمىزنى كۆرۈپ پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم.
دېھقانلىرىمىز دىيارىمىزنىڭ تۇپرىقىغا ماس كىلىدىغان، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان دورا -ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. بۇ يىلقى بازار باھاسىنى بىر نېمە دېمەك تەس بولسىمۇ ئۈمۈد يەنىلا زور، مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا جەنۇبىي ئوتتۇر جوڭگۇدىكى نۇرغۇن دىھقانلار دورا ماتىرياللىرنى تېرىپ كۆپلەپ پايدا ئىلىۋېتىپتۇ. دىيارىمىزنىڭ تۇپراق، ھاۋا كىلىماتى كۆپلىگەن دورا-ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ماس كىلىدۇ ھەم بازاردىكى ئىھتىياجمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. چۈچۈكبۇيا يېلتىزى، زېرە، قىزىل گۈل....دېگەندەك بەزى دورا ماتېرياللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەۋاتىدۇ.
دېھقانلىرىمىز دۆلەتنىڭ كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ باي بولۇش چاقىرقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ يۇقۇردا بايان قىلىنغاندەك قوشۇمچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىپ كۆنۈككەن تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئاز-تولا ئۆزگەرتىپ باقسا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە مەنپەئەتكە ئىرىشىپ قالار.

مېنىڭ 5 پۇڭچە يېرىم بار ئىدى. تەجىربە ئېتىزى قىلىپ ئەتتىگەن ئاخشاملىرى ئىشلەپ باقايمىكى دەيمەن.
شۇ يەرگە ئاق لەيلى ( لەيلى قازاق)، ئارپا بەدىيان تېرىپ ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىمەن. بۇلتۇر ئانام ئېرىق بويىغا ئازىراق ئاق لەيلى ئۇرۇقى سىلىپ قويۇپتىكەن. 2-3 تۈپ ئۈنۈپتىكەن، كۈزدە ئۇرۇقىنى يېغىپ قويغانتىم قايسى كۈنى 38 كويغا ساتتىم. خىلى بازارلىق بولۇپ قالدى بۇ يىل. يەنە بىر قىسمىنى ئۇرۇقلۇققا ساقلاپ قويدۇم. ئاڭلىسام بۇلتۇر ئاق لەيلى ئۈنگەن جايدىن ئۇرۇقلىرى تۆكۈلۈپ قالغان بولسا بەك كۆپ ئۈنۈپ كېتەرمىش.
ئارپا بەدىياننىڭ ئۇرۇقى ھەم يېلتىزى دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى بۇ يىل تېرىپ باقسام كېلەر يىلى تەجىربە سۆزلەپ بىرەمە.

ھازىرقى بازاردا ئارپا بەدىيان- كلوسى 8-9 يۈئەن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى- كلوسى 40-50 يۈئەن ئەتراپىدا، سەۋزە ئۇرۇقى- كلوسى 20-25 يۈئەن ئەتراپىدا...
سىيادان، كۈنجۈتلەرنىڭ كىلوسى 18-20 يۈئەن ئەتراپىدا؛
زېرىنىڭ كىلوسى 14-16 يۈئەن ئەتراپىدا ؛
قېزىل گۈل، كاكىنەچنىڭ كلوسى 50 كوي ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.    
يەر كۆپ بولسا زېرە ، زاراڭزا تېرىسىمۇ بولىدۇ. زاراڭزىنىڭ چېچىگىمۇ ئۇرۇقىمۇ دورا ھەم زاراڭزا مېيىمۇ قان بېسىم يۇقۇرى، قان قويۇق، قان -تومۇرلاردا توسالغۇ بار كېشىلەرنىڭ ئىستىمال ئوبىيكتى بولۇپ قالدى. زاراڭزا چېچىگىنىڭ كىلوسىنى ئالدىنقى يىلى 30 كوي ئەتراپىدا سىتىۋالغان ئىدۇق، بۇلتۇر 70-80 كوي ئەتراپىدا بولدى. بۇ يىل قانداق بولىشىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.

قىزىل گۈل 3 يىل ئىگىرى پەقەتلا پۇل بولماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپۈنچە خوتەنلىكلەر ئىتىزلىرىدىكى قىزىل گۈل كۆچەتلىرىنى قومۇرۇپ تاشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپۈنچە كىشىلەر قاشتېشى كولاش دېگەندەك ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ئېتىزدىكى قىزىل گۈللىرىنى ۋاقتىدا يېغىپ بولالماي تۆكۈلۈپ تۈگىدى. شۇنىڭ بىلەن 1-2 يىلدىن بىرى قىزىل گۈل يەنە باشتىن بازارلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ قالدى. بۇلتۇر قەشقەردە قىزىل گۈلنىڭ ھۆل پېتى ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 25 كويغىچە بولدى. ( قەشقەردە ئۆستۈرگەن قىزىل گۈلنىڭ رەڭگى ، پۇرىقى خوتەندە ئۆستۈرگەندىكىدىن  ياخشى بولامىش ) خوتەندە 10-12 كوي ئەتراپىدا بولدى. قۇرۇتقىنى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 50 كوي ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.

يەنە بىر يېڭى تۈر - گۈل چاي نامى بىلەن ئاتالغان بىر خىل گۈل ئۆستۈرلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ چېچىگى ئۈزۈلۈپ چايغا ئىشلىتىلىدۇ.  ئاڭلسام ئۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئالاھىدە كۆپ چىقىدىغان بولۇپ بىر باشتىن ئىچىلىپ تۇرغاننى يېغىپ بولغۇچە يەنە يېڭى باشتىن توختىماي ئىچىلىپ تۇرىدىكەن. ھازىرقى بازار باھاسى ھەر كىلوگىرامى 50 كوي ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ. بازار تۆۋەنلەپ كەتكەندىمۇ 28-30 كويدىن تۆۋەن بولۇپ باقمىدى.

بۈگۈن بىر دېھقان ئىلىپ كەپتىكەن. رەيھان گۇل بىلەن تاجىگۈل ئۇرۇقلىرىدىن ئەپ قويدۇم.  ھويلىدىكى گۈللۈككە تېرىپ قويسام ھەم يېشىلچىلىق ھەم دورىدىن بەھرىمان بولغۇدەكمەن.

رەيھاننىڭ ئۇرۇقى ھەم پۈتۈن چۆپى دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ كىلوسىنى 120 يۈئەن ئەتراپىدا، يوپۇرماقلىرىنىڭ كىلوسى 15-20 يۈئەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ، رەيھاننىڭ غول قىسمىنىمۇ سوقۇپ چاي دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.

رەيھاننىڭ ئاساسىق شىپالىق خۇسۇسىيتى:
يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش
روھىي كەيپىياتنى تەڭشەش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، قان تومۇرلاردىكى توسالغۇلارنى ئىچىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سەۋدا-سەپرا غالىپلىقىدىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىش دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى خىلى ئەتىۋارلىق دورا ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ھويلا ئاراملارغا تېرىپ ئۆستۈرۈپ پۇرىقىنى پۇراپ بەرسىمۇ، يوپۇرماق، غول قىسمىنى سوقۇپ چايغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئۇيقۇسى ناچار، روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز كېشىلەر ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنى قۇرۇتۇپ ياستۇققا قاچىلاپ كېچىسى بېشىغا قويۇپ ئۇخلىسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
يوشۇرۇن مەزمۇن يوشۇرۇن مەزمۇن
بۇ مەزمۇن ئاپتور تەرىپىدىن يوشۇرىۋېتىلگەن، پەقەت ئەزالارلا كۆرەلەيدۇ كىرىش | تىزىملىتىش

تاجىگۈلنى ئاياللار كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىدۇ. لىكىن بازاردىكى ئىھتىياج بەكلا تۆۋەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئۇرۇقىنىڭ كىلوسى 25-30 يۈئەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.

بۇ ھەقتە يەنە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىرىشىپ قالسام تورداشلارنى ھەر قاچان خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىمەن. رەھمەت.




[Birzat بۇنى 2010-07-13 02:28 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: رەيھان قىزىلگۈل تاجىگۈل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.